مەن ئېرىنىمە...دېگەن دېيىشكە ئادەتلىنىپ قالغان كىشىنىڭ، تەقدىرنىڭ ئامەتلىرىنى زىيارەت
قىلىشتىنمۇ ئېرىنىدۇ...
مەن كۈتۈپ قالدىم ...دەپ ئادەتلەنگەن كىشىنىڭ بەخىت-سائادىتى ئادەتتىكىچىلا بولىدۇ.
ئادەتتىكىدىن ئاشمايدۇ...چۈنكى ئۇ...<<ئۈژمە پىش،ئاغزىمغا چۈش>>دەپ تۇرغان ئەمەسمۇ؟
ئادەتكىلا ئېسلىۋىلىپ، كۆنگەن كىشى باشقىلار بىلەن ئاسان چىقىشىپ كېتەلمەيدۇ...
ھەم..بىر ئېش قىلسىمۇ ..قېردىن ئاشالمايدۇ...
شۆھرەتپەرەسلىكنى قانائەتلەندۈرەلەيدىغان نەرسە پەقەتلا ساختا ماختاش ،يالغان مەدھىيە ئوقۇشتۇر، بىراق،
بۇلارنىڭ سىزگە ئېلىپ كېلىدىغىنى بالايىئاپەت ۋە بەختسىزلىكتۇر خالاس...
بىلمىگەننى بىلىدىغان قىياپەتكە كىرۋېلىشقا تايىنىپ ئۆزىگە ئىناۋەت تىكلەيمەن دەپ ئويلىغانلىق
ئاقىۋەتتە دائىم دېگۈدەك ئىناۋىتىنى يەر بىلەن يەكسەن قىلغانلىق.....
دۆت ئادەم ئەڭ ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلالمايدۇ، ئەڭ ئەخمىقانەئىشلارنى بىلەرمەنلەر قىلالايدۇ...
ئەڭ ئەقىلگە سىغمايدىغىنى،بىلەرمەن كىشىلەر دائىم جاھىللىق بىلەن ئۆزىنى مەسخىرىگە قويغاندىن سىرىت
باشقىلارغىمۇ ئاندى-مۇندى زىيان سالىدۇ....
بىلەرمەن كىشلەرنڭ قۇلىقى ئېغىر بولۇپلا قالماسىتن يەنە ئۇلارنىڭ قەلبىمۇ ئاسانلا خىرەلىشپ كېتىدۇ...
كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىزدىن سەۋەپ ئىزدىشىمىز كېرەك، بولمىسا خۇددى ئاشۇ دۆت ئېشەككە ئوخشاپ قالىمىز...
ھايات ئىنتايىن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرلغان، ھەرقانداق ئىشنىڭ سەۋەبى بار،پەقەت ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ
سەۋەپنى تەتقىق قىلسىڭىز تەڭرىدىن ھەرگىزمۇ ئاغرىنمىغان بولاتتىڭىز....
پوچىلىق بىلەن ئۆزىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ....لېكىن بۇنىڭ بىلەن ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ.
كۆپ ھاللاردا ئادەملەر پوچىلىق بىلەن ئىش قىلىدۇ، نەتىجىدە ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ۋە زىھنىنى ئىسراپ قىلىپ
مەغلۇپ بولىدۇ خالاس....
يۇقىرى كېرىمنىڭ كەينىدە چوقۇم نۇرغۇن بېسىم ۋە جاپا بار،شۇنداقلا يەنە نۇرغۇنلىغان تۆھپىلەرمۇ بار ئەلۋەتتە..
شۇڭا قىلغان ئىشلىرىڭىزغا ھەر ھالدا شۈكرى قىلىڭ...ئەگەر يەنىلا ئادىل بولمىدى دەپ ئاغىرنىپ يۈرسڭىز...
ۋە باشقىلارنىڭ بەختىگە ھەسەت قلىسڭىز،ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك بەدەل تۆلگىنىڭىزگە،قانچىلىك ئىشقا
يارايدىغانلىقىڭىزغا قاراپ بىقىپ بېرنېمە دېسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز.....
بىز دائىم بەزىبىر ئاۋارچىقلارغا قول قوۋۇشتۇرپ تۇرۇپ قالىمىز ھەم ئارتۇقچە ئويلاپ كېتىمىز..
نەتىجىدە مەسىلنىڭ تۈگۈننى تاپالمايمىز. سەل قارىغان كېچىككىنە مەسىلە ئاخىرى ھەممە ئىشلارنى
مۇرەككەپلەشتۇرۋېتىدۇ...
مەنبە؛؛ خاتىرەمدىن ھېكىمەتلەر..... ...