قىممەتلىك سۆزلەرائەدەبىياتى تەرەققى تاپمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن سۆز ئېچىش مومكىن ئەمەس . چۈنكى ئۇ بىر روھى لىم . ئىلىم -پەننىڭ تەرەققىياتىمۇ دەل ئەدەبىياتتىن باشلانغان
ھايۋان چېغىدا ئالدىغا قويوپ بەرگەن يۇندىنى ئاۋال پۇراپ بېقىپ .ئاندىن ئىچىدۇ . بىزنىڭ بەزى ئادەملىرىمىز ھازىر ئالدىغا قانداق مەدىنيەت ئۇچىرسا ،يېڭىلىق دەپ قۇبۇل قىلىۋەرمەكتە ،مۇشۇ نوقتىدىن ئىيتقاندا ،ھازىر بىر قىسىم ھايۋانلار بىز ئۈچۈن ئۈلگە .
بالىلارغا نىسبەتەن ئاتا-ئانىدىنمۇ ئارتۇق ھۆكۆمدار ۋە يىتەكلىگۈچى بولمايدۇ . بەزى ئاتا-ئانىلار نامسىز بۈيۈك ئۇستاز بولسا ،بەزى ئاتا -ئانىلار جىنايەت ۋە رەززىللىكنىڭ ياراتقۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
سىز باشقىلارنىڭ .ھەسەتخورلىقىغا ئۇچىرسىڭىز ،سىزنىڭ نەتىجە قازانغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈردۇ . ،باشقىلارغا ، ھەسەتخورلۇق قىلسىڭىز سىزنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىڭىزنى چۈشەندۈردۇ.
يانفۇن قاتارلىق ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ،ئېغىز بىلەن قۇلاقنىڭ ئارلىقىنى يىقىنلاشتۇرغىنى بىلەن ،قەلىبلەرنىڭ يىراقلىشىشىغا يول ئېچىۋاتىدۇ .
سەن يۈكۈنۈپ بەرمىسەڭ ،خەقمۇ شىللەڭگە مىنەلمەيدۇ .
بىراۋنى چۈشەنسىڭىز ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتەلەيسىز
بىراۋنىڭ تەبىئىتى ۋە ھەركەت قىلىش ئۇسسۇلىنى پىششىق بىلسىڭىز ،ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلالايسىز .
بىراۋنىڭ مەقسىدىنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلىسىڭىز ،ئۇنى قايىل قىلالايسىز .
بىراۋنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلسىڭىز ،ئۇنى ئۆزىڭىزگە قول قويدۇرالايسىز .
بىراۋنىڭ مەنپەئەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلەلىسىڭىز ،ئۇنى تىزگىنلىيەلەيسىز
سىتۇدىنىتلىرىمىزنى مىللى مەدىنىيىتىمىزنى ئۇنتۇپ كىتىۋاتىدۇ ،دىيىشتىن بۇرۇن ،ئۇلارغا بىلىم بەرگەن ئوقۇتقۇچىىلارغا قاراشقا توغرا كىلىدۇ
ئەر كىشىدىن غۇرۇر كۆتۈرلۈپ كەتكەندە ،ئايال كىشىدىن ھايا كۆتۈرلۈپ كىتىدۇ .
يىگىتلەرنىڭ يېرىم يالاڭغاچ قىز ئالدىدىكى سۈكۈتى ،ۋىجدانى ئالدىدىكى يەنە بىر سوئال .
دۇنيا تارىخىدىن مەلۇمكى ،ئىلىم -پەندىن قوغلانغان تىلنىڭ شۆھرىتى بولمايدۇ ،ئەدەبىياتتىن قوغلانغان تىلنىڭ جېنى بولمايدۇ .پەلسەپەدىن قوغلانغان تىلىنڭ مىڭىسى بولمايدۇ .سىياسى تۇرمۇشتىن قوغلانغان تىلىنىڭ ۋەتىنى بولمايدۇ . ئائىلىدىن قوغلانغان تىلىنىڭ ئۆزىمۇ بولمايدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
كۈلدۈرگە ئارتىسلىرىنىڭ ئويۇنلىرىغا قا قاھلاپ كۈلۈپ ،ئۇبدانلا چاۋاك چېلىپ ،ئالقىشلاپ قويساڭلا كۇپايە ، ئۇلار ھەرگىزمۇ جاراھەتلەنگەن ،بۇرۇقتۇملانغان ،تىڭىرقىغان روھقا تەسكىنىلىك بىرەلمەيد
زامانىمىزدا مۇقام ئاڭلايدىغانلار ئاز ،ئۇنىڭ بىلەن ماختىندىغانلار كۆپ،
بۇ- بىزدىكى كۆچەت تىكىشنى ياختۇرمايدىغان ،مىۋىگە ئامراخلىق پىسخكىسى
بىز غەرىپ مەدىنيىتىدىن ئۆزىمىزگە نىمىنى ئۆزلەشتۈردۇق ؟ -ئەلۋەتتە ھاياسىزلىقنى.
قاغا قاغىنىڭ كۆزىنى چوقىمايدۇ . بىزدە ئاشۇ قاغىچىلىكمۇ ئاڭ يۇقمۇ ؟
دۇنيا تارىخىدىن ساۋاق شۇكى ،كىيىنكىلەرنىڭ پىشانىسىدە قۇللۇق تامغىسى بار دىيىلسە ، ئۇنى ئالدىنقىلار قالدۇرۇپ كەتكەن . copyright by www.iz.la
بۇ دۇنيا ھەر بىر ئادەمگە پۇرسەتنى يارتىپ بەرگەن ،ئەمما ۋاقىتنى يارتىپ بەرمىگەن .
ئەرلەر بۇزۇلسا باشقىلارغا ئىشلەيدۇ . ئاياللار بۇزۇلسا ئۆزىگە.
ئۆز تارىخىدىن پەخرلىنىشنىلا بىلىپ ،كۆز ئالدىدىكى رىقابەتنى كۆرەلمىگەن قەۋىم مەڭگۈ خار قەۋىمدۇر .
ئەڭ قوپال مەخلۇق ئىيىق ، پىل ، ئەڭ ياۋۇز مەخلۇق يولۋاس -شىرلارنى تەربىيلەپ سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىشكە كۆندۈرگەنلەرنى كۆرۈپ ،ئاتا-ئانىلارنىڭ« باللىرىمىز تەربىيەگە كۆنمىدى ،گەپ ئاڭلىمىدى» دىگىندىن گۇمانلىنىپ قالدىم .
دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش- ھازا ئۈچۈنلا ئەمەس ،ئۆلۆمنىڭ دەھشىتىنى چۈشۈنىش ،ئۆلگۈچىدىن ئىبرەت ئىلىپ ،ھاياتنىڭ قەدرىگە يىتىش ئۈچۈندۇر .
ئاياللانىڭ يېىرم يالاڭغاچ كوچىغا چىقىشى ،ئەرلەرنىڭ ۋىجدانسىزلىقىنى مەسخىرە قىلىشى .
نادانلار شەھرىدە ،ئالىم ئەڭ غېرىپ
مەنبە؛ساقلانمامدىن
ئىز تورى www.iz.la