ھەمراھىڭىزغا خاتالىشىش پۇرسىتى بەرمەڭ

ۋاقتى:2010-09-11 16:34مەنبە: يوللىغۇچى:بەختىيار يۈسۈپ چېكىلىشى:قىتىم
  

   www.iz.la

ھەمراھىڭىزغا خاتالىشىش پۇرسىتى بەرمەڭ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  ئىز تورى www.iz.la

(خالىزاتگۈل ئەبەيدۇللا)

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 

www.iz.la

   بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى «ئامانلىق» ژۇرنىلىدىن بىر ماقالە ئوقۇدۇم. بۇ ماقالىدا بايان قىلىنغىنى ھەقىقىي ۋەقە بولۇپ، مەزمۇنى مۇنداق ئىكەن: copyright by www.iz.la

   تولىمۇ ئىناق ئۆتىدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ، ئۆيلىرى چېقىلىدىغان ئائىلىلەرگە تۆلەم ھېسابىدا ئۆي تەقسىملىگەندە ئاجرىشىپ كەتكەن ئەر–خوتۇنلارنىڭ ھەر بىرىگە بىر يۈرۈشتىن ئۆي بېرىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئەر ئايالىغا ۋاقتىنچە ئاجرىشىپ تۇرۇپ بىر يۈرۈشتىن ئۆي ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن يارىشىۋېلىش مەسلىھەتىنى بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىيلەن سەككىز ياشقا كىرىپ قالغان قىزىغا ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنىمۇ ئويلاشماي ئاجرىشىپتۇ. ئۇلار ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان جەرياندا ئايال ئۆزىگە ئېرىدىنمۇ بەكرەك ماس كېلىدىغان بىر كىشىگە يولۇقۇپ قاپتۇ. ئايال كۆپ ئويلىنىپ ئاخىرى قانۇنىي جەھەتتىن ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزىگە تەسەللى قىلىپ، ئۇ كىشى بىلەن بىللە ئۆتۈش يولىنى تاللاپتۇ. لېكىن ئەر بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلالماپتۇ، ئۆزىنىڭ ئاچكۆزلۈكىنىڭ جازاسىنى تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە توۋا قىلماستىن ئايالىنى چاناپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سەككىز ياشلىق قىزى ئاتا–ئانىسىدىن بىراقلا ئايرىلىپ قاپتۇ. ئۇلار ئەسلى كىشىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ، بىر–بىرىنى بەكمۇ ياخشى كۆرۈشىدىكەنتۇق، ئەمما ئەر ئايالىغا باشقا ئەرنى سۆيۈش پۇرسىتىنى بېرىپ، ئاخىرى ئۆز ئائىلىسىنىڭ كۈلىنىڭ كۆككە سورۇلۇشىغا سەۋەبچى بوپتۇ. ئىز تورى www.iz.la

   تۇرمۇشتا ھەممىمىز بىلىپ–بىلمەي ئاشۇنداق خاتالىقنى سادىر قىلىپ قويىمىز. گەرچە بىز سادىر قىلغان خاتالىقلار ھېلىقى ئەرنىڭ خاتالىقىدەك چوڭ خاتالىق بولمىسىمۇ ھەممىمىز دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. ئالايلى، ئايالىڭىز سىزنى بىرەر سورۇنغا بىللە بېرىشقا تەكلىپ قىلسا، تۈرلۈك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ بارغىلى ئۇنىمايسىز. لېكىن سىز مۇشۇ چاغدا ئايالىڭىزنىڭ ئېھتىياجىنىمۇ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بەلكى ئاشۇ سورۇنغا ئىككىڭلار تەڭ بارساڭلار، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ بىر–بىرىڭلارغا بولغان مېھرىڭلار تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن. ئەمما ئايالىڭىز يالغۇز بارسا، ياخشىراق تەرەپتىن ئويلىغاندا، جۈپ–جۈپ بولۇپ بارغان باشقا ئەر–خوتۇنلارغا قاراپ كۆڭلىدە سىزدىن نارازى بولۇشى، «ئۆزىنىلا ئويلايدۇ» دەپ ئاغرىنىشى، ھەتتا سىزدىن سەل كۆڭلى قالغاندەك تۇيغۇدا بولۇشى مۇمكىن. يامانراق تەرەپتىن ئويلىغاندا، ئۇ ئاشۇنداق سورۇنلارنىڭ بىرىدە يات بىرەرسى بىلەن تونۇشۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن (ئەلۋەتتە بۇنداق ئېھتىماللىق مىڭدىن بىر ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئاز بولۇشى مۇمكىن). لېكىن، سىز «ئايالىم ئاشۇ مىڭدىن بىر نىسبەتنىڭ بىرىنى ئىگىلەپ قالمايدۇ» دەپ ھۆددە قىلالامسىز؟ مەن بۇنداق پۇرسەتنى ئايالىمغا بەرمىدىم، دېيەلەمسىز؟ يەنە مەسىلەن، مەلۇم بايرام ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ۋە ياكى بىرەر خاتىرە كۈنلەردە ئايالىڭىز سىزنى سىرتتا تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلسا، سىز: «بىر ئوبدان ئۆي تۇرسا تاماقنى ئۆيدە ئېتىپ يېمەي، پۇل بۇزۇپ سىرتلاردا تاماق يەپ يۈرەمدۇق؟» دەپ رەت قىلىشىڭىز مۇمكىن، ئەلۋەتتە. سىزنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىنى بۇزمايلى دېگىنىڭىز توغرا. لېكىن سىز ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟ ئايالىڭىزنىڭمۇ قازان بېشىدىن بىرەر كۈن بولسىمۇ ئازاد بولۇپ، چىرايلىق تاماقخانىلاردا باشقىلار ئالدىغا ئەكەلگەن تەييار تاماقلاردىن ھۇزۇرلىنىپ باققۇسى كېلىدىغان چاغلىرىمۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىنغۇ؟ سىز سىرتتا تاماق يېيىشكە قوشۇلمىغاندىن كېيىن قارشى تەرەپ ئۆزى يالغۇز ياكى بىرەر دوستى بىلەن تاماققا بارىدۇ، بۇنى ئاڭلىسىڭىز ئەلۋەتتە كۆڭلىڭىز يېرىم بولىدۇ، شۇنداقلا: «ئۇ نەلەردە، كىم بىلەن يۈرگەندۇ؟» دەپ كۆڭلىڭىز غەش بولىدۇ. دېمەك، شۇنىڭ بىلەن ئاراڭلارغا سوغۇقچىلىق چۈشىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   يەنە مەسىلەن، بەزى كۈنلىرى سىز خىزمەتتىن ھېرىپ كەلگەندە، جورىڭىز سىزگە خىزمەتتە ياكى تۇرمۇشتا يولۇققان بىرەر خۇشاللىقى ياكى خاپىلىقىنى سۆزلەپ بەرمەكچى بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بۇنداق چاغدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھېرىپ كەتكەنلىكىڭىزنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىسىڭىز ياكى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىمىسىڭىز، قارشى تەرەپ: «مەن بىلەن كارى بولمىدى» دەپ ھار ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارا–بارا سىزگە كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى دېمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ ئەڭ خەتەرلىك ھال. ئۇ كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى سىزگە دېيەلمىسە ئەلۋەتتە يۈرەك سىرلىرىنى دېيىشەلىگۈدەك بىرەر ئادەمگە موھتاج بولىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى، ساۋاقداشلىرى، يۇرتلۇقلىرى ئىچىدە ئېھتىمال شۇنداق بىرەر ئادەم چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. ھەمراھىڭىز سىز بىلەن سىرداشماي باشقا بىرى بىلەن يۈرەك سىرلىرىنى دېيىشىپ يۈرسە، سىزچە بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولۇشى مۇمكىن؟!

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

   ئېرىڭىزغا(ئايالىڭىزغا) مىننەتدارلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ. باشقىلاردىن مىننەتدار بولۇشنى بىلىشمۇ بىر خىل گۈزەل ئەخلاق، يۇقىرى ساپا. ئېرىڭىز (ئايالىڭىز)سىز ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلغاندا، ئۇ قىلغان ئىش قانچىلىك كىچىك، ئەرزىمەس ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭغا چىن قەلبىڭىزدىن رەھمەت ئېيتىڭ. بىز كۆپ ھاللاردا جورىلىرىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى خۇددى شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىكتەك، ھەتتا بۇ ئىشلار ئەسلىدىلا شۇنداق بولۇشى كېرەكتەك ھېس قىلىپ، قارشى تەرەپكە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىلەشكە سەل قارايمىز. ھەتتا كۆڭلىمىزدە مىننەتدار بولساقمۇ ئۇنى ئېغىزىمىزدىن چىقارمايمىز. ئىشلار مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىۋەرسە قارشى تەرەپ ئۆزىنىڭ بىزنى خۇش قىلىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈم بەرمىگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ–دە، كېيىن بۇنداق ئىشلارغا ئېتىبار بەرمەس بولۇپ قالىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   جورىڭىز بىرەر يەرگە ساياھەتكە بارماقچى ياكى يۇرتىغا بېرىپ ئۇرۇق–تۇغقانلىرىنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولۇپ سىزنى بىللە بېرىشقا تەكلىپ قىلسا، ئۆينىڭ ياكى خىزمىتىڭىزنىڭ ئالدىراشچىلىقىنى باھانە قىلىپ رەت قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بىللە ساياھەتكە چىقىش، يۇرت كۆرۈپ مۇھىت ئالماشتۇرۇپ كېلىش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەر–خوتۇننىڭ مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇدىغان تېپىلغۇسىز پۇرسەت. ئۇ سىلەرنىڭ بۇرۇقتۇرمىلىقتا قالغان تۇرمۇشۇڭلارغا رومانتىكىلىق ئاتا قىلىدۇ، تۇرمۇشۇڭلارنىڭ رەڭدارلىقىنى ئاشۇرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، سىز بۇنداق جايلارغا جورىڭىز بىلەن بىللە بارسىڭىز، ئۇنىڭ يالغۇزلۇقتا زېرىكىپ بىرەرسى بىلەن تونۇشۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋالالايسىز.

ئىز تورى www.iz.la

  ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

   بەلكى كۆپىنچىمىز ئۆز ئائىلىمىزنى ئىنتايىن بەختلىك دەپ ئويلىشىمىز مۇمكىن. شۇنداق ئىكەن، مۇشۇ بەختىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك. مۇشۇ بەختلىك ئائىلىمىزنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىش، ئۇنىڭدا مېھىر–مۇھەببەت گۈللىرىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەر–خوتۇن ئىككىلا تەرەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز، ھەرقانداق ئىش قىلغاندا ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ ئەمەس، قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئىش قىلىشىمىز كېرەك.

copyright by www.iz.la

   سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسىڭىز بولمايدىغانلىقىڭىزنى، سىلەرنىڭ قانچىلىك بەختلىك ئىكەنلىكىڭلارنى ھەر ۋاقىت جورىڭىزغا بىلدۈرۈپ تۇرۇڭ. جورىڭىزنىڭ خۇشاللىق ۋە خاپىلىقىغا ئورتاق بولۇڭ. ئۇنىڭ خاتالىشىشىغا پۇرسەت بەرمەڭ.

www.iz.la

 

copyright by www.iz.la

ئاپتور: توقسۇن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى ئىلانلىق ساقچىخانىسىدا

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(11)
84.6%
ئالقىشلايمەن
(2)
15.4%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • گۈزەل بولاي دېسىڭىز...

      دۇنيادا گۈزەللىكنى ياقتۇرمايدىغان بىرمۇ ئايال بولمىسا كېرەك . گۈزەللىكتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ناھايتى كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، كىشلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىگە خاس بىر خىل بەدىئىي زوق ۋە روھىي ئوزۇق ئالىدۇ . گۈزەللىك ئادەمنى جۇشقۇن ، كۆتۈرەڭگۈ روھقا...

  • ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدا

    ئۇيغۇر12مۇقامىنى رەتلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتەك ئالەمشۇمۇل تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شائىر ئاماننىسا خېنىم ئىشرەت ئەنگىزمۇقامىنى ئىجاد قىلغان ،ئاياللار تەربىيىسى ھەققىدە ئەخلاقۇل جەمىلەگۈزەل ئەخلاق ناملىق كىتاب يازغان. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا ،ب...

  • قىزلار ئۇچرىشىشقا بارغانداساقلىنىشقا تىگىشلىك مەخپىيەت

    1.كېچىكىشتىنساخلىنىش.ۋاقىتقا رىئايە قىلىش. 2.قىنىق گىرىم قىلىشتىن ساقلىنىش. 3.گەپ-سۈزدە ئۈزىنى مەركەز كىلىۋىلىشتىن ساقلىنىش. 4.ئۇچرىشىشقا پۇل ئاماي بىرىشتىن ساقلىنىش. 5.ئەرلەر ھوزرىسىغا يالغۇز كىرىشتىن ساقلىنىش. 6.كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سورۇنغا ماس كەلمەي قىلى...

  • ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق

    ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق بىر ئايال گولىف توپ ئويناۋاتاتتى . ئۇ توپ پالىقىنى شۇنداق بىر شىلتىۋىدى ، توپ ھاۋادا ياي شەكلىدە ئۇچۇپ چاتقاللار ئارىسىغا چۈشتى . ئۇ دەرھال شۇ تەرەپكە يۈگۈردى .ئۇ چاتقاللارنى قايرىپ بىر پاقىنىڭ توپنى چىشلەپ تۇرغانلىقىنى...

  • ئېرىڭىزگە كۈندە بىر قىتىم تېلېفۇن ئۇرۇپ تۇرۇڭ

    ئېرىڭىز بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىش تۇرۇش، ھەرقانداق چاغدا تولىمۇ مۇھىم. بارلىق ئەرلەر خوتۇنلىرى ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ- يۇ، ئەمما خوتۇنىغا ئۇچۇر يوللاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ سىز ئىنتاين رومانتىك، يۇمۇرىستىك، ئېرىڭىزنىڭ مىجەزىگ...

  • ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى

    ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئەڭ سۈيۈنىدىغان چاغلىرى ئەي ئايال شۇنى بىلگىنىكى ئەرلەرنىڭ ئەڭ سۈينىدىغان چاغلىرى خۇتۇنلىرىنىڭ خۇشال -خۇرام ھالدا ئۆي خىزمەتلىرىنى قىلىپ تۇرغان چاغلىرىدۇر. ئېرىنىڭ يېنىدا بولغۇچى ۋە ھەر ۋاقىت ئىشلەپ تۇرغۇچى ، ئېرىگە خۇشال كۈرۈنگۈچى خ...

  • ھەقىقى ئاياللار مۇنداق بۇلىدۇ

    ئەي ئايال شۇنى بىلگىنكى - ئەقىللق ،نۇمۇسچان ئايال ئىرىنىڭ خوشلۇقىغىمۇ، قايغۇسىغىمۇ ئورتاق بۇلىدۇ،ئىرى ئەتگەندە ئىشقا ماڭغاندا ،ئۇنى شېرىن سۆز ،خۇش مۇئامىلە بىلەن ئۇزىتىپ قۇيدۇ.ئىشتىن قايتقاندىمۇ يەنە شۇنداق گۈزەل مۇئانىلە بىلەن قارشى ئالىدۇ.ئېرىنىڭ كىيىم...

  • لۈكچەك قىزلار(2)،،،بوران114

    مانا يەنە شۇگەپ،قانداق چاغلار ئىدى ئۇ،خوتۇن ياكى قىز دىگەننى ئەرلىك قەھرىمىز بىلەن ئۇراتتۇق،ئۇلار يامانلاپ ،،...

  • لۈكچەك قىزلار(1)..بوران114

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار،ئۇزۇن بوپتىكەن بىلجىرلىمىغىلى،شۇ تىىرىكچلىك بىلەن ئالدىراش،،يەنە شۇ غاجاشنى باشلىدىم ئەمىسە،،بىر زامانلار بولىدىغان -قىزلارنىڭ سەل مەيدىسى چوڭىيىپ قالسا ،،،،...

  • مۇنچىدىن چىقىپلا گىرىم قىلىش سالامەتلككە زىيانلىق

    تىببىي خادىملارنىڭ بايقىشچە ،ئادەم يۇيۇنغاندا بەدەننىڭ بەزى فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدىكەن ،بۇلۇپمۇ سۇنىڭ تېمپىراتۇرسى ۋە سۇ تەركىبىدىكى بەزى خىميىلىك ماددىلار تېرىگە تەسىر كۆرسىتىپ ،تېرە سىرتىقى قەۋتىنىڭ مىكروب ۋە باشقا زىيانلىق ماددىلارغا...