كۆپىنچە تورداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ سېستىمىنى يېڭىدىن قاچىلاپ تۇرىدىغانلىقىنى،ئەمما ئۇزۇنغا بارمايلا ئاستىلاپ كىتىدىغانلىقى ھەققىدە پات-پات قاقشاپ تۇرىدۇ،سەۋەبى بەلكىم كومپىيۇتېردىمۇ بار بولۇشى مۇمكىن،ئەمما تۈپكى سەۋەپ يەنىلا ئۆزىمىزدە،مائۇسنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يەنىلا بىزنىڭ قولىمىز.شۇڭلاشقا كومپىيۇتېر ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭىزنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
1.مۇقىم بولمىغان توك مەنبەسى ئىشلىتىش،كۆپىنچە تورداشلىرىمىز بەلكىم بىر توك مەنبەگە كومپىيۇتېر،يانفون توك تۇلۇقلىغۇچ،سىن ئاپىراتى،تىلىۋىزور دىگەنلەرنى چېتىپ ئىشلىتدىغۇ دەيمەن،بۇ خىل ئەھۋال تۈپتىن خاتا،ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ،كومپىيۇتېردا چوڭ سىغىمدىكى بىرەر ماتىريالنى چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق بېرىپ قۇيۇپ،كەينىدىنلا vcd ۋە تىلىۋىزورنى ئۆچۈرۈپ،ياندۇرۇپ،ئۆچۈرۈپ،ياندۇرۇپ سىناپ بېقىڭ،قاتتىق دىسكىڭىز تىزلا كاردىن چىقىدۇ،قارىماققا سەزمەيسىز،ئەمما چوڭ سىغىمدىكى دىتال چۈشۈرۈش ۋە cpu يۇقىرى سۈرئەتتە ئىشلەۋاتقان ھالەتتە ئادەتتىكىدىن كۆپ توك تەلەپ قىلىدۇ،بۇ ۋاقىتتا توك مەنبەسى مۇقىم بولمىسا توك مەنبە قاتتىق دىتاللارغا قالايمىقان توك تەقسىملەشكە باشلايدۇ ۋە توختاش،قېتىۋېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2.ھىچقانداق بىختەرلىك مەشخۇلاتى قىلماي،دىتال قاچىلىماي تۇرۇپ تورغا چىقىش،تور بەتلەرگە بەلكىم ۋىروس ئورناتقان بولۇشى،ياغاچ ئات قويغان بولۇشى مۇمكىن،ھەتتا بەزى ۋىروسلار كومپىيۇتېرنىڭ ئانا تاختىسىنى كۆيدۈرۋەتكۈدەك،قايتا ئىشلەتكىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە قىلىۋېتىدۇ،2004-يىلى خېيلۇڭجىياڭ ئۆلكىسىدىن بىر ياش مۇشۇ خىلدىكى ۋىروس ياساپ تارقاتقان بولۇپ،ساقچىلار ئالتە ئاي ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئاران تۇتقان،ئەمما تۇتۇلغىچە بولغان ئارلىقتا ۋىروس ئاللىقاچان نەچچە يۈزمىڭ كومپىيۇتېرلار زىيان سېلىپ بولغان ئىدى.بۇنى ئۇيغۇرچە قانۇن ۋە پۇقرا پىروگىراممىسىدىمۇ بەرگەن.بەلكىم ئىسىڭلاردا بولسا كېرەك،ئەگەر شۇ ۋاقىتتا كومپىيۇتېردىكى سېستىما تەمىنلىگەن بىخەتەرلىك تېمى بولسىمۇ قوزغىتىلغان بولسا بۇنداق ئەھۋاللار يۈز بەرمەيتى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور 3.ۋىروسخور ۋە بىخەتەرلىك تېمىنىڭ يېڭىلاش مەشخۇلاتىغا سەل قاراش. بۇ يىل باھار بايرىمىدا مەخسۇس بايرامغا ئاتالغان بىر خىل ۋىروس تارقالغان بولۇپ،باھار بايرىمىلىق 10 كۈنلۈك دەم ئېلىش ئىچىدە 70 مىڭدىن كۆپرەك كومپىيۇتېرنى ۋىروسلاندۇرۇپ بولغان،بۇ ۋىروسنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ۋىروسخورلار ۋە بىختەرلىك تېمىدىن يانداپ ئۆتۈپ كىتەلەيدىكەن،رۈيشىڭ شىركىتى ۋاقتىدا ياماقنى تارقاتقان بولسىمۇ كۆپىنچە تورداشلار ۋىروسخورنى قولدا يېڭىلاش تۈرىنى تاللاپ قويغان بولغاچقا ۋىروسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن! 4.كۆپ مىقداردىكى يۇمشاق دىتاللارنى بىرلا ۋاقىتتا قاچىلىۋېلىش ۋە سىناش. تورداشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كومپىيۇتېرلىرىدا كەم دىگەندىمۇ 20 خىلدىن ئارتۇق دىتاللار قاچىلانغان بولىدۇ،ھەم بۇنىڭ ئۈستىگە يەنە تورلاردىن يېڭى-يېڭى دىتاللارنى چۈشۈرىدۇ،قاچىلايدۇ،يارىسا ئىشلىتىدۇ،يارىمىسا ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ،ھەقىقى يۇمشاق دىتال ئىشلىگۈچىلەر تاكى ھازىرغىچە بىرەر دىتالنى ئەھمىيەتسىز ئىشلەپ باققىنى يوق.مەقسەت سىزنىڭ قانداق پايدىلىنىشىڭىزدا،ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يۇمشاق دىتاللىرىڭىز ئىچىدىكى يېڭىلانمايدىغان دىتاللارنىڭ ئىقتىدارلىرىنىمۇ بەلكىم تەپسىلى بىلمەسلىڭىز مۇمكىن.بىر دىتالنى قاچىلاپ ئىقتىدارلىرىنى تەپسىلى ئىگىللەپ بولغاندىن كىيىن،ئاندىن يېڭى بىر دىتالنى ئۆگەنسىڭىز ناھايىتى تىزلا دىتال سىناش ئۇستىسى بولالايسىز.ئاددى بىر مىسال : تور بەتلەرگە ئىشلىتىۋاتقان ھەرىكەتلىك رەسىملەرنى adobe image ready دىتالىدا ئىشلىسىڭىز بەلكىم بىر نەچچە كۈن ۋاقتىڭىز كىتىشى مۇمكىن،ئەمما gif animator دا ئىشلىسىڭىز بىر قانچە مىنۇتتا تۈگەيدۇ،دىمەك بۇ دىتالنىڭ ئىقتىدارلىرى يەنە بارمۇ يوق،سىناپ باقتىڭىزمۇ يوق،ئۆزىڭىزگە سوئال قۇيۇپ بېقىڭ،كۆپ مىقداردىكى يۇمشاق دىتال قاچىلىۋېلىش ۋە سىناش كومپىيۇتېر بىر تەرەپ قىلغۇچ،قاتتىق دىسكا ۋە ئىچكى ساقلىغۇچقا نىسبەتەن زىيىنى چوڭ بولىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق 5.بىرلا ۋاقىتتا كۆپ خىل دىتالنى ئېچىۋېلىش،مەشخۇلاتى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇش.ئادەم جېنىدا بىر قېتىمدا كۆپ دىگەندىمۇ ئۈچ خىل ھەرىكەتنى قىلالايدۇ،ئاددى مىسالى ماشىنا ھەيدىگۈچىنىڭ پۇتى مايدا بولىدۇ،قولى خوتتا بولىدۇ،كۆزى يولدا بولىدۇ،بۇنىڭدىن ئارتۇق ھەرىكەتنى قىلماقچى بولسا ھادىسە كىلىپ چىقىدۇ،كومپىيۇتېرمۇ ئوخشاش،بېسىم ئارتىپ كەتسە چىدىماي يېغلىۋېتىشى مۇمكىن. ئىز تورى www.iz.la
6.كومپىيۇتېرنى تازىلاپ تۇرماسلىق. تور بەت كۆرىسىز،ئۇيۇن ئوينايسىز،سېستىما،دىتال سىنايسىز،دىمەك بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆججىتى زاپاس ساقلىنىدۇ،خاتىرلىنىپ ماڭىدۇ،پات-پات تازىلاپ تۇرمىسىڭىز سېستىمىڭىز تىزلا ئېغىرلىشىپ كىتىشى مۇمكىن. ئىز تورى بەك ياخشى 7.بارلىق ئۇلانمىلارنى ئېچىۋېلىش..بەزى تورداشلىرىمىز بار،بىرلا ۋاقىتتا دىتال،ناخشا،ئۇچۇر،كىنو،رەسىم ئىشقىلىپ ئاچقۇدەكلا تور بېكەت بولسا ئېچىپ باقىدۇ،قېتىپ قالسا قوزغىتىشقا ئۇستا،ئېچىلسا قاراپ قۇيۇپلا يارىسا بىر قانچە ناخشا تىڭشاپ،رەسىم كۆرۈپ قويىدۇ،يارىمىسا ئۆچۈرە-ئۆچۈرمەيلا يېڭى بىر ھۇجۇمغا تۇتۇش قىلىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن 8.زاپاسلاش ۋە ئاسىراشقا سەل قاراش. سېستىمىنى زاپاسلاپ تۇرمىسىڭىز ۋاقتىڭىز كەچكىچە سېستىما قاچىلاش ۋە تەڭشەش بىلەن ئۆتىدۇ،ئاسىراش دىگىنىمىز كومپىيۇتېرنىڭ ئىچىگە قاراپ بېقىڭ،قانچىلىك توپا چاڭ باركەن.بىچارە شامالدۇرغۇچ ھېلىمۇ غىڭشىماي سۆرەيدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن |