گەپنى ئۇدۇللا دەۋىرەي ، مەنمۇ بىر تور بەت لاھىيەلەگۈچى ، يېقىندىن بويان يانفۇندا بەيدۇ قاتارلىق تور بېكەتلەرگە چىقىپ ماتىريال ئىزدەپ ،خەنزۇچە يانفۇن تور بېكەتلىرىنىڭ تەرەقىياتىنىڭ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم ،ئەمما مەن شۇنچە ئىزدەپمۇ مەخسۇس يانفۇدا زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان بىرەر ئۇيغۇرچە تور بېكەتنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم ،ئۇيغۇرچە ئىزدەش بېكەتلىرىگە كىرىىپ مۇشۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئىزدىدىم ،ئەمما قۇرۇق قول قايتىپ چىقتىم ،ھەقىقەتەن ئاز تولا يانفۇن ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان يانفۇن بىلىملىرى بار تەمىنلىنىدىغان تور بېكەتلەر بار ئىكەن، ئەمما ئۇلارنى يانفۇندا زىيارەت قىلىغىلى بولمايدىكەن .زادى بىز ئۈچۈن يانفۇندا تورغا چىقىش يىراق زاماندىكى ئىشمىدۇ؟ ياكى تورداشلارنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشمەيدىغانمىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم ،ھازىر چەت ئەللەردە يانفۇن تورى ئارقىلىق نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش مال زاكاس قىلىش مودا ئېقىمغا ئايلىنىۋاتىدۇ ،خەنزۇچە تور بېكەتلەرنىڭمۇ بىر قەدەر داڭلىق سانىلىۋاتقانلىرىنىمۇ ئاساسەن يانفۇندا زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ ،ياق !بىزنىڭ ھاجىتىمىز چۈشمەسكىلى مۇمكىن ئەمەس ،چۈنكى بۇنىڭدىن كىيىنكى ئاساسىي يۈزلىنىشنىڭ يانفۇن تورىغا قاراپ تەرەقىي قىلىدىغانلىقى قەيىت خېلى بۇرۇنلا قىلىنغان تۇرسا ....مۇشۇ ئامىللارنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا مەن مەخسۇس يانفۇندا زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان (بۇنىڭ يەنە ئالاھىدىلىكى ئېنتىرنېتىمۇ زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ ) نۇسخىنى ئوتتۇرغا چىقاردىم ،بۇ بەتنىڭ يانفۇندا زىيارەت قىلغاندا مەخسۇس يانفۇن ئۈچۈن زىيارەت قىلىش مەنزىلى ئېچىلىدىغان بولغاچقا سىزنىڭ تور ئېقىم مىقتارىنىڭىزنى ئەڭ زور چەكتە تىجەيدۇ .بۇ بەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتسەم بۇ بەتكە :يانفۇندا ئەسەر يوللاش ، يوللانغان ئەسەرلەرگە پىكىر قاتناشتۇرۇش ،يانفۇندا ئەزا بولۇش قاتارلىق ئىقتىدارىلىرى ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ ،تورداشلارنىڭ يانفۇندا ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇش ئارزۇسىدىن تۇللۇق چىقىدۇ .ھازىرقى يانفۇنلاردا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنىڭ زىيارەت قىلىش قولاي بولمىغاچقا تور بېكەت ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدا تۈزۈلدى .بېكەت ھەققىدە تەكلىپ ،تەنقىد بېرىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ،ئىشىنىمىزكى بۇ يانفۇن تورى سىزنىڭ يېڭى تاللىشىڭىزغا ئايلانغۇسى .يانفۇن تورى بىزدە بىر بوشلۇق بولغاچقا بۇ ماقالە ئاددىي قىلىپ تەييارلاندى .ھەرقايسى تور بېكەتلەرنىڭ قوللاپ قۇۋەتلەپ بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز .
مەزكۇر بېكەتنىڭ كومپىيۇتېردا زىيارەت قىلىش ئادىرسى :http://www.hakaniya.cn/wap/
يانفۇندا زىيارەت قىلىش ئادىرسى :http://www.hakaniya.cn/wap/wap(بۇ ئادىرىس ئارقىلىق يانفۇنىڭىزدا زىيارەت قىلىپ بېقىڭ ،بىر قانچە يانفۇندا ئېچىپ مۇۋاپقىيەت قازاندۇق ،ئادىرىسمىزنى يانفۇنىڭىزدا ساقلىۋېلىڭ )
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىي يازمىلىرىڭىزنى بېكىتىمىزگە يوللاپ تورداشلار ھۇزۇرىغا سۇنماقچى بولسىڭىڭز كەنجى سوفىت تورىىغا كىرىپ ‹‹ئۇيغۇر ئېدىت›› نى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ (ياكى بۇ ئۇلانمىنى بىۋاستە چېكىپ چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ http://www.hakaniya.cn/codlar/uyghuredit.msi) ،كونا يېزىقتىكى يازمىڭىزنى شۇ دېتال ئارقىلىق لاتىن ھەرىپى ئاساسىدىكى ئۆلچەملىك يېزىققا ئايلاندرۇپ يوللىسىڭىز بولىدۇ .يانفۇندا تورغا چىقىش بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇدا ئېقىمغا ئايلىنىشى مۇمكىن ،بۇ يانفۇن تورى يېڭى قۇرلدى تېخى گۆدەك ۋە ئاجىز ،بۇنىڭ تەرەقىياتى بىزنىڭ تىرىشىمىشمىز ،سىزنىڭ قوللىشىڭىزدىن ئايرىرلالمايدۇ . يانفۇندا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە كىرىش چۈش ئەمەس !