ئالدى بىلەن قاچىلىماقچى بولغان ئۇيغۇرچە فونىتلارنى بىر يەر مۇندەرىجىگە يىغۋالىمىز.
بىرىنجى قەدەمدە: 终端 گە كىرىپ، sudo nautilus نى ئىجرا قىلىمىز. بۇنىڭ بىلەن بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ، ئاشۇ كۆزنەكتە تۇرۇپ، ubuntu نىڭ فونىت مۇندەرىجىسىگە كىرگەندىن كىيىن، بىر يەرگە يىغۋالغان فونىتلارنى مۇندەرىجىسى بىلەن قوشۇپ Ubuntu نىڭ فونىت مۇندەرىجىسىگە تاشلايمىز (كۆچۈرۈپ چاپلىساقمۇ بولىدۇ). دىققەت:
چوقۇم ئاۋۇ بۇيرۇقنى كىرگۈزگەندىن كىيىن ئىچىلغان كۆزنەكتە تۇرۇپ چاپلاش ئىلىپ بارىمىز، بولمىسا چاپلىغىلى بولمايدۇ.
ئىككىنجى قەدەمدە:
ماۋۇ بۇيرۇقنى 终端 دە ئىجرا قىلىمىز، ئاۋۇ UyghurFonht دىگەننىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىز ئۇيغۇرچە فونىت قويغان مۇندەرىجىنىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرۇڭ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
نەقىل مەزمۇنى
sudo chmod 777 /usr/share/fonts/truetype/uyghurfont/*.ttf
بۇيرۇق ئىجرا بولغاندىن كىيىن، فونىت مۇندەرىجىسى 777 خاسلىققا (يەنى: ئوقۇش، يىزىش ئۆزگەرتىش ) ئىگە بولدى.
ئۈچىنجى قەدەمدە:
终端 دە fc-cache -f -v بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلساق فونت جەدىۋىلى يىڭىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن فونىت قاچىلاش تاماملاندى!
يوللىغۇچى ؛ نۇرئىلىجان
copyright by www.iz.la