ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئۈچ تۈر مەبلىغى ئىچىدىكى سوممىسى ئەڭ چوڭ بىر تۈر مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى 292 مىليون 480 مىڭ يۈەن مەبلەغ شىنجاڭدىكى مىللىي-خەنزۇ بىرلەشتۈرۈلگەن ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىگە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان ۋىلايىتى، قۇمۇل ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن مۇڭغول ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى جەمئىي 16 مىللىي-خەنزۇ بىرلەشتۈرۈلگەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قوللايدۇ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 181028 كۋادىرات مېتىر بولىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى
