ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
مالىيە مىنستىرلىقى «دۆلەتنىڭ 2010-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئوتتۇرا ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات پىلان پىروگراممىسى» روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا 2014-يىللىق ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پۇلىدىن تۆت مىليارد 630مىليون يۈەن ئاجراتتى، بۇ ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەخمىنەن تۆت مىليون 882مىڭ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىدۇ. 2010-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، مەركەز بىلەن يەرلىك بىرلىكتە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش ياردەم پۇلى تەسىس قىلىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 1500يۈەندىن ياردەم بەردى. كونكىرىت ئۆلچەمنى ھەر قايسى جايلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، 1000يۈەندىن 3000يۈەن ئەتراپىدا بېكىتىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە. خەلق تورى
