ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
18 – ئىيۇن ئىسپانىيە پادىشاھى جۇئان كارلوس Ⅰ ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدتا پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، رەسمىي تۈردە تەختتىن چۈشكەنلىكىنى جاكارلىغان. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
پادىشاھنىڭ پەرمانغا ئىمزا قويۇش مۇراسىمى مادرىدتىكى خان سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن. پادىشاھ جۇئان كارلوس Ⅰ، خانىش سۇفىيە، شاھزادە فىلىپ، توقال خانىش لىتىتىيا ۋە باشقا 150 تىن ئارتۇق مېھمان مۇراسىمغا قاتناشقان.
جۇئان كارلوس Ⅰ تەختتىن چۈشۈش پەرمانىغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئىسپانىيە باش ۋەزىرى راجويمۇ ھۆججەتكە ئىمزا قويغان. بۇ پەرمان 19 – ئىيۇن سائەت 0:00 دىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شاھزادە فىلىپ رەسمىي تۈردە تەختكە ۋارسلىق قىلىپ، ئىسپانىيەنىڭ يېڭى بىر دەۋردە فىلىپ Ⅵ بولىدىكەن. فىلىپ Ⅵ نىڭ تەختكە چىقىش مۇراسىمى 19 – ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىكەن ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى copyright by www.iz.la
