app دېتالى

ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

سۇرىيە ئىراقتىكى توپىلاڭچىلارنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى

ۋاقتى:2014-06-27 17:52مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى

ئىز تورى www.iz.la

 

copyright by www.iz.la

 ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ئىراقنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى سۇرىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىراقتىكى سۈننىي مەزھەپ توپىلاڭچىلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلغانلىقىنى 25-ئىيۇن دەلىللىگەن، بىراق، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى دىنىي مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ ۋە ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك رايونلار توقۇنۇشى كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، باشقا دۆلەتلەرنى ئىراققا ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. ئىز تورى www.iz.la

   سۇرىيە ھەربىي ئايروپىلانلىرى 24-ئىيۇن ئىراقنىڭ غەربىدىكى مۇھىم چېگرا شەھىرى قائىم ئەتراپىدا ‹‹ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام جۇمھۇرىيىتى››(ISIL)نىڭ توپىلاڭچىلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلغان. قائىم سۈننىي مەزھەپ مۇسۇلمانلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئەنبار ئۆلكىسىنىڭ شەھىرى بولۇپ، قائىم ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى بومباردىماندا 17 ئادەم قازا قىلغان.  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى

www.iz.la

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس