app دېتالى

ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئوباما ئىراققا 275 نەپەر ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتتى

ۋاقتى:2014-06-17 12:18مەنبە: يوللىغۇچى:دانا چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code
 
ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 16-ئىيۇن ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە بۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ، ئىراققا 275 نەپەر ھەربىي ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان . بۇ 2011-يىلى ئامېرىكا ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ، تۇنجى قېتىم ئىراققا ئەسكەر كۆپەيتىشى ھېسابلىنىدىكەن . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

    نۆۋەتتە ، ئىراقتا 160 ئامېرىكا ئەسكىرى بار ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 50 نەپىرى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمىدىن ، 100 نەپىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىن ئەۋەتىلگەن . بۇنىڭدىن باشقا ، يەنە 100 ئەسكەر ئىراقتىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ، ئىراققا قوشنا دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلىدىغان بولۇپ ، ئوباما ئۇلارنى قاچان چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى پارس قولتۇقىغىمۇ ‹‹ دېڭىز بۈركۈتى ›› ناملىق ئايروپىلان ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ يۈرىدىغان ھەربىي پاراخوت ئورۇنلاشتۇرغان . بۇنىڭدىن بۇرۇن ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ئىراقتىكى رادېكال كۈچلەرنى توسۇش مەسىلىسى توغرىسىدا ئىران بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   كېررى يەنە كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ئىراقتىكى رادېكال ئۇنسۇرلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن . بىراق ، سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنىق قىلىپ ئامېرىكىنىڭ قورال ئىشلىتىپ ، ئىراقنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ئۇلار يەنە ئىراق ھۆكۈمىتىنى ‹‹ قوللانغان تەدبىرلىرى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ ›› دەپ ئەيىبلىگەن . ئىز تورى www.iz.la

   16-ئىيۇن ، ئىراقتىكى قوراللىق ئۇنسۇرلار ئىراقنىڭ شىمالىدىكى Taylormethod شەھىرىنى ئىگىلىۋالغان ، 200 مىڭ نوپۇسقا ئىگە بۇ شەھەر ئىراقنىڭ پايتەختىدىن سۇرىيەگە بارىدىغان مۇھىم يول ، شۇنداقلا سۈننىي ۋە شىئە مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلار ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ ، بۇ رايوننى ئىگىلەش رادېكال ئۇنسۇرلارنىڭ داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە پايدىلىق . [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

مەنبە. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچەتورى ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس