app دېتالى

تەۋىسسيەلىك
ئاۋات

تۇتاشتۇرۇپ دىللارنى دىلغا

ۋاقتى:2014-04-25 17:31مەنبە: يوللىغۇچى:گۈلخۇمار چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

– نەۋايى ۋاپاتىنىڭ 500 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

  نادامەت ئىلكىدە شۇنى تەن ئېلىشقا مەجبۇرمىزكى، قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا، ئاخىرلاشقان 20 - ئەسىردىمۇ ئۆزىنىڭ سېستىمىلىق ئەدەبىيات تارىخىنى روياپقا چىقىرالمىغانلاردىن پەقەت بىز ئۇيغۇرلارلا قالغان بولساق كېرەك. دېمەك، بىز باشقىلارغا نىسبەتەن يەنە بىر تۈردە (بۇنداق تۈرلەر خېلىلا كۆپ، ئەلۋەتتە) يېڭى ئەسىرگە نېسىگە كىرىپ كەلدۇق. بۇ ھال بىزنى ئەجدادلار ئالدىدا قەرزدارلىق، ئەۋلادلار ئالدىدا خىجالەتچىلىك ئازابىنى تارتىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

ئىز تورى بەك ياخشى


  ئەدەبىيات تارىخى – بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى قىياپىتىنى ئۆلچەشتە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىر مىللەتنىڭ تىل خاسلىقى، تەپەككۇر دائىرىسى ۋە پەلسەپىۋى قاتلىمى شۇ مىللەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك بەدىئىي كامالىتى ئارقىلىق ئەدەبىياتتا ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىيات تارىخىنى تۇرغۇزۇش نوقۇل ئەدەبىيات تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىلا ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش جەھەتلەردىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

  1

  شەپقەتسىز ئۇرۇش ۋەھىمىسى بىلەن تولغان موڭغۇل ئىمېرىيەسىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىشى دەسلەپكى قەدەمدە پارس تىلى مۇھىتىدا بىر قەدەر گەۋدىلىك بولدى. چۈنكى بۇ دەۋردىكى ئەدەبىيات ئىخلاسمەنلىرى ئۆزلىرىدىن ئالدىنقى دەۋرلەردە شەرق ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلغان نىزامى گەنجىۋى (1203 – 1141)، سەئدى شىرازى (11841292– 1184)، فەرىدىدىن ئەتتار (1193 – 1119)، جالالىددىن رۇمى (1273 – 1207)، ئەمىر خىسراۋ دىھلەۋى (1325 – 1254)، ھاپىز شىرازى (1389 – 1300) قاتارلىق پارس تىلىدا ئەسەر يازغان ئەدىبلەرنى ئۆزلىرىگە ئۇستاز ھېسابلاپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشنى ئاساسىي پىرىنسىپ قىلغان. بۇ خىل ۋارىسلىق قىلىش تىلدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. شۇنىڭ بىلەن پارس تىللىق ئەدىبلەردىن باشقا تۈركىي تىللىق ئەدىبلەرمۇ ئىجادىيەتتە پارس تىلىنى ئاساس قىلغان.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


  موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئىمپېرىيە تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بارلىق تېررىتورىيەلەر چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى تەرىپىدىن سۇيۇرغال تەرىقىسىدە بۇلىۋېلىندى. شۇ قاتاردا ئوتتۇرا ئاسىيا، تارىم ۋادىسى، ماۋارەئۇننەھىر رايونى قاتارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ۋادىلار چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا تەۋە بولدى. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ دۆلەت چاغاتاينىڭ نامى بىلەن تارىختا چاغاتاي خانلىقى دەپ ئاتالدى. بۇ خانلىققا تەۋە رايونلار ئىلگىرى ئاساسىي جەھەتتىن قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ تەۋەلىكىدىكى رايونلار بولغانلىقتىن، يەرلىك ئاھالىلەر قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدىكى تۈركىي تىلىنى ئاساس قىلاتتى.
www.iz.la


  شۇڭا چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە يېزىق جەھەتتە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىق مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، تىلدا ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدىكى تۈركىي تىلى تىكلىنىشكە باشلىدى. كېيىن بۇ تىل چاغاتاينىڭ نامى بىلەن چاغاتاي تىلى دەپ ئاتالدى.

ئىز تورى www.iz.la



  دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر «قىسسەسۇل ئەنبىيا» نىڭ ئاپتورى رەبغۇزى، ئاتايى، سەككاكى، لۇتفى قاتارلىقلار چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى نامايەندىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرى ئارقىلىق تۈرك تىلىدىكى ئەدەبىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇلىنى ھازىرلىدى. تۈرك تىلىدىكى ئەدەبىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇلىنى ھازىرلىدى. تۈرك تىلىدىكى ئەدەبىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ يۈكسەك پەللىسى شۈبھىسىزكى «ئۆزىنىڭ تۈرك تىلىدىكى پۈتمەس - تۈگىمەس ئەسەرلىرى بىلەن ئىران ئەدىبلىرىنىڭ كەسمىتىشى ۋە مازاق قىلىشىغا قارشى تۈرك مىللىتى ۋەكىللىرىنى چىن قەلبىدىن قوغداش ئارقىلىق ھايات ۋاقتىدىمۇ، ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ۋەتەنداشلىرىنىڭ بۈيۈك ھۆرمىتىگە سازاۋەر»① بولغان گىگانىت سىما - مەۋلانە نىزامىددىن ئەلىشىر نەۋايىغا مەنسۇپ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

  2

  ئەلىشىر نەۋايى ئۆز دەۋرىدە ساپ ئىنسانىي ئەمەلىيىتى ۋە بىباھا ئىجادىي ئەمگەكلىرى ئارقىلىق ئۆز شەنىگە ھەيكەل تىكلىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەنىۋى خەزىنىسىنى نۇرلاندۇرغۇچى ھىدايەت ئەنگۈشتىرىگە ئايلاندى. نەۋايى ۋاپتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قوليازما ھالەتتە تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپا ئەللىرىگىمۇ تارقالدى. 1991 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتقا قارىغاندا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا دۇنيادىكى 89 دۆلەتتە، جۈملىدىن فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىران، تۈركىيە، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇزېيلىرىدا نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ نۇرغۇن نادىر قول يازمىلىرى ساقلىنىدىكەن. نەۋايى ئالەمدىن ئۆتۈپ تاكى ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئەرەب، پارس، ئەرمەن، گىرۇزىن، ئافغان، فىرانسۇز، ئىتالىيان، نېمىس، گوللاند، رۇس، بلورۇس، لىتۋا، ئىنگلىز، ۋېنگىر قاتارلىق نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.20 - ئەسىرگە كەلگەندە نەۋايى ئەسەرلىرىنى قېزىش، رەتلەش، تەرجىمە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۇنياۋى مىقياسىغا يۈزلەندى. بۇ يەردە مەن نەۋايى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نەۋايى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ نەزىرىگە ھاۋالە قىلساق ئارتۇقچىلىق قىلماس دەپ قارايمەن. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ئىتالىيەلىك تەرجىمان رىناردو زىپولى مۇنداق دەيدۇ: «ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم ئىتالىيان تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بەزى تەرجىمىلەر ئارقىلىق تونۇشقانمەن. شۇ چاغدا ئۇ مەندە ئانچە چوڭ تەسىرات قالدۇرمىدى. كېيىن تۈرك تىلىنى ئازدۇر - كۆپتۇر ئۆگىنىپ ئوقۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا سېھىرلىنىپ قالدىم.

ئىز تورى www.iz.la



  نەۋايى ئۆزىدە شەرق شېئىرىيىتىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن، ئىسلام ئەقىدىلىرىنى ۋە تۈركىي خەلقلەر قەلبىدىكى تۇيغۇلارنى شېئىرغا ئايلاندۇرغان، ئىنساننىڭ ھەر جەھەتتىن كامالەتكە يېتىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىجادكاردۇر. ئۇنى ئىتالىيە ئەدەبىياتىدا دانتىغا تەڭلەشتۈرۈش، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۈستۈن قويۇش مۇمكىن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  مەن شائىر ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى بۈگۈنكى زامانىۋى تېخنىكا كومپيۇتېرنىڭ ياردىمىدە تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتىمەن. نەۋايىنىڭ رەڭگارەڭ ۋە غايەت كاتتا مىراسنى باشقىچە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئىنسان ئۆمرى يەتمەيدۇ، دەپ ئويلايمەن.»②سانكت - پېتېربورگ دۆلەت دارىلفۇنۇنىنىڭ پىروفېسسورى سېرگىي ئىۋانوف مۇنداق دەيدۇ: «مەن نەۋايى ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئىشلىرىمغا تايانغان ھالدا، ھېچ شۈبھىسىز ئۇنى جاھان ئەدەبىياتىدا بىقىياس سىما دەپ ئېيتالايمەن.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!



  بۈگۈن بارلىق خەلقلەر نەۋايى مىراسىغا بىر دېرىزە ئارقىلىق نەزەر تاشلىدى ۋە ئۇنى ھېچ ئىككىلەنمەي ‹جاھان ئەدەبىياتىنىڭ كىلاسسىكى› دەپ ئاتاشقا باشلىدى. توغرا، لۇغەت ۋە قامۇسلاردا ‹جاھان ئەدەبىياتى كىلاسسىكى› دېگەن ئۇنۋان يوق. لېكىن بۇنداق ئۇنۋان ھاياتتا بار ۋە بۇنداق شەرەپلىك ئۇنۋانغا نەۋايى كەبى ھەم مىللىي ئەدەبىياتنى ياراتقان، ھەم باشقا ئەدەبىياتلارنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقان مۇبارەك زاتلار مۇشەررەپتۇر.»③

ئىز تورى www.iz.la



  ئەزەربەيجان شائىرى خەلىل رىزا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ ‹نەۋايىنىڭ› خىزمىتى ھەققىدە گەپ بولغاندا، بىرىنچى نۆۋەتتە، تۈركىي تىلىمىزنى شېئىرىيەت ئاسمىنىغا ئېلىپ چىققانلىقىنى ئەسلەش لازىمدۇر. يەنى ئۇ ھەقىقىي مەنىدە تۈرك ئەدەبىياتىغا ئويغىنىش دەۋرىنى باشلاپ بەردى.»④ بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

  بىلورۇسىيەلىك تەرجىمان ۋاسلىي جۇكۇۋىچ مۇنداق دەيدۇ: «مەن شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمىسىگە قول سالغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن. خۇش، شېئىرنى چوڭقۇر بىلىش، ئۇنى ياخشى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ ئاۋۋال شائىر ياشىغان دەۋر ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى جىددىي تەتقىق قىلىنىشى ھەمدە بۇ تەتقىقاتلار باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى نەۋايى شېئىرىيىتىنى، پەلسەپىسىنى، دىنغا ۋە ھاياتقا بولغان مۇناسىۋىتىنى، ئېتىقادىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ شېئىرىيىتىنى چۈشىنىپ بولمايدۇ. شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمە قىلىنغاندا پەقەت مۇھەببەت لىرىكىسىدىنلا ئىبارەت بولۇپ قېلىشنىڭ ئەسلى سەۋەبىمۇ شۇنىڭدىدۇر. ۋەھالەننكى، نەۋايى پەلسەپىنى، دىننى، ئىنسان روھىيىتىنى، كائىناتنى شېئىرىيەتكە تۇتاشتۇرۇۋەتكەن دۇنياۋى شائىردۇر. ئۇنى ئۆز مەۋقەيىمىزگە چۈشۈرۈپ ئەمەس، ئۇنىڭ مەۋقەسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئاندىن تەرجىمىگە قول سېلىش كېرەك.»⑤
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


  نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ ياۋروپاغا تارقىلىش جەريانى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. مەن بۇ يەردە ئاتاقلىق نەۋايىشۇناس ئالىمە فازىلە سۇلايمانوۋانىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغان ھالدا بۇ جەريان ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن. ئىز تورى www.iz.la

  ئالىمەنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تاللانغان «دىۋان»ع ياۋروپادا تۇنجى بولۇپ 1635 - يىلى، يەنى نەۋايى ۋاپاتىدىن 134 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ ئوكسفورد ئۇنىۋرسىتېتى بودلىيان كۇتۇپخانىسىغا چۈشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ ۋە قىممەتلىك نۇسىخلىرىمۇ مۇشۇ كۇتۇپخانىدا ساقلىنىدىكەن. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

  1557 - يىلى ۋېنتسىيەدە ئىتاليان تىلىدا «شاھ سېرىندىپنىڭ ئۈچ نەۋقىران ئوغلىنىڭ ساياھىتى» ناملىق بىر كىتاب بېسىلغان بولۇپ، ئۇنى خىرىستوفور ئەرمەنىي ئىتاليان تىلىغا تەرجىمە قىلغانىكەن. بۇ كىتاب ياۋروپالىقلارنى ئالاھىدە قىزىقتۇرغانلىقى ئۈچۈن، قايتا - قايتا ئىنگلىز ۋە فىرانسۇز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغانىكەن.سابىق س س س ر پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇخبىر ئەزاسى بېرتېلىسنىڭ تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە، فىرىستوفور ئەرمەنىي ئىتاليان تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئەسەرنىڭ نەۋايىنىڭ «سەببەئى سەييا» (يەتتە سەييارە) ۋە ئەمىر خىسرەۋ دىھلەۋىنىڭ «ھەشت بېھىشت (سەككىز جەننەت) ئەسەرلىرىنىڭ پارچىلىرىدىن تۈزۈلگەنلىكى ئېنىقلانغان. دېمەك، ياۋروپالىقلار شائىر ۋاپاتىدىن 56 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ پارچىلىرى بىلەن تونۇشقان. ئەمما بۇ چاغدا ئۇلار تېخى شائىرنىڭ نامى بىلەن تونۇشمايتتى. www.iz.la

  1697- يىلى فىرانسۇز شەرقشۇناسى ئېربېلونىڭ «شەرق كۇتۇپخانىسى» نامى ئاستىدا ئېلان قىلىنغان قامۇسى ئارقىلىق ياۋروپالىقلار شائىرنىڭ نامى بىلەن تونۇشتى. 1832 - يىلى ئىنگلىز شەرقشۇناسى دېۋىت «تۈرك تىلى گىرامماتىكىسى» ناملىق ئەسىرىدە نەۋايى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. نەتىجىدە، شائىرنىڭ نامى ياۋروپا ئەللىرىدە تونۇلۇشقا باشلىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 500 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 1948 - يىلى ئالفېرد كۇرېللو «پەرھاد ۋە شېرىن» داستانىنىڭ پارچىلىرىنىڭ نېمىسچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلدۇردى. 1968 - يىلى نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 525 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن «پەرھاد ۋە شېرىن» داستانى ئالفېرد كۇرېللو تەرىپىدىن نېمىسچىغا تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى.

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]



  1952 - يىلى ئارگېنتىنادا لۇئى ئورسېتىنىڭ «ئەلىشىر نەۋايى» دەپ ئاتالغان كىتابى ئىسان تىلىدا نەشر قىلىندى. بۇ كىتابتا نەۋايىنىڭ «لەيلى ۋە مەجنۇن»، «پەرھاد ۋە شېرىن»، «سەببەئى سەييار» ۋە «سەددى ئىسكەندەر» (ئىسكەندەر سېپىلى) داستانلىرىنىڭ مەزمۇنى ۋە شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.

ئىز تورى بەك ياخشى



  1958 - يىلى رومىنىيەنىڭ بۇخارىست شەھىرىدە نەۋايىنىڭ «تاللانغان ئەسەرلىرى» نەشر قىلىندى.

  1960 - يىللاردا شائىرنىڭ «پەرھاد ۋە شېرىن» داستانى شائىرە ئەرجىبەت برودىسكىي تەرىپىدىن ۋېنگر تىلىغا تولۇق تەرجىمە قىلىنغان.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!



  1974 - يىلى بۇلغار شائىرى يوردان مېلىف تەرىپىدىن شائىرنىڭ «لەيلى ۋە مەجنۇن» داستانى قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى ۋە «ئوتتۇرا ئەسىر شېئىرىيىتى» ناملىق توپلامدا نەشر قىلىندى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

  بۇ يەردە نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ فىرانسىيەدىكى تەرجىمە قىلىنىش، نەشر قىلىنىش ۋە تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

www.iz.la



  نەۋايى ئالەمدىن ئۆتۈپ 196 يىلدىن كېيىن، يەنى مىلادىيە 1696 - يىلى فىرانسۇز شەرقشۇناسى بارتولومې د. ئېربېلو ئۆزىنىڭ مەشھۇر «شەرق كۇتۇپخانىسى» ناملىق قامۇسىدا نەۋايىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى ھەققىدە دەسلەپكى مەلۇمات بەرگەن. مەزكۇر ئەسەردىكى «ئەلىشىر» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە «ئەلىشىر خۇراساندا ۋەزىر بولۇپ كاتتا شۆھرەت قازانغان. ئۇ يىرىك ئالىم ۋە شېرىن سۇخەن شەخس بولغان. ئۇ ھىرات شەھىرىدە ئۆزىنىڭ باي كۇتۇپخانىسىنى ياراتقان» دېيىلگەن. «نەۋايى» ناملىق يەنە بىر ماقالىدە بولسا، «نەۋايى ھەم تۈركىي تىلىدا ھەم پارس تىلىدا ئاجايىپ غەزەللەرنى يازغان. ئۇنىڭ ‹پەرھاد ۋە شېرىن›، ‹لەيلى ۋە مەجنۇن›، ‹سەددىي ئىسكەندەرىي›، ‹سەببەئى سەييار› داستانلىرى بار. بۇنىڭدىن تاشقىرى ظذ، تۆت دىۋان يېزىپ قالدۇرغان» دېيىلگەن.ئەلىشىر نەۋايى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى فىرانسوز ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرۇش ۋە تەشۋىق قىلىشتا شەرقشۇناس پىروفېسسور ئېتىن كاترېمىرنىڭمۇ ئۆزىگە خاس رولى بار. ئۇ ئۆزىنىڭ 1841 - يىلى نەشر قىلىنغان «شەرقىي تۈرك ئەدەبىياتى خىرىستوماتسىيەسى» ناملىق كىتابىدا ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. بۇ كىتابتا يەنە «بابۇرنامە»، «مىراجنامە»، «تەزكىرەتۇل ئەۋلىيا» ۋە «بەختىيارنامە» دىن پارچىلار بېرىلگەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  1861 - يىلى فىرانسىيەدە چىقىدىغان «ئاسىيا ژۇرنىلى» نىڭ فېۋرال - مارت ۋە ئاپرېل - ماي سانلىرىدا شەرقشۇناس ئالىم فىرانسوۋا ئەلفونىس بېلېنىڭ «مىر ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ھاياتىي ئىجادىدىن پارچىلار» ناملىق تەتقىقاتى بېسىلىپ چىقتى. بۇ فىرانسىيەدە نەۋايى ھەققىدە يېزىلغان دەسلەپكى يىرىك تەتقىقات نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر تەتقىقات ئەسىرى ئىككى قىسىمدىن ئىبارەت بولۇپ، بىرىنچى قىسمىدا نەۋايىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈلگەن؛ ئىككىنچى قىسمىدا نەۋايىنىڭ «مەجالسۇن نەفائس» (نەپىس كىشىلەر مەجلىسى) ۋە «خەمسەتۇل مۇتەخەييىرىن» (بەش ھەيرانلىق) ئەسەرلىرىدىن پارچىلارنىڭ فىرانسۇزچە تەرجىمىسىنى بېرىدۇ. بۇ تەرجىمىلەر نەۋايىنىڭ پارىژ مىللىي كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان «كۇلىيات» نىڭ قول يازمىسىدىن ئېلىنغان.
ئىز تورى www.iz.la


  1866 - يىلى «ئاسىيا ژۇرنىلى» دا بېلېننىڭ «شەرق دانالىرى» تۈركۈمىدە يېزىلغان «مىر ئەلىشىر نەۋايىنىڭ پەزىلەتلىرى، ئېستېتىك ۋە پەلسەپىۋى قاراشلىرى» ناملىق يەنە بىر تەتقىقاتى ئېلان قىلىنغان. بېلېن يەنە 1872 - يىلى تۈرك ئالىمى ئەھمەد ۋاپىق ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە نەۋايىنىڭ «مەھبۇبۇل قۇلۇب» (قەلب سۆيگۈسى) ئەسىرىنىڭ قول يازما نۇسخىسىنى نەشر قىلدۇرىدۇ.

copyright by www.iz.la

1902 - يىلى پارىژدا بولۇپ ئۆتكەن شەرقشۇناسلار يىغىندا لوسېن بۇۋا نەۋايىنىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» (ئىككى تىل ھەققىدە مۇھاكىمە) ئەسىرىنىڭ يېڭى تېپىلغان قول يازمىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى.لۇئىس ئاراگوننىڭ نەۋايى ھەققىدىكى قاراشلىرى فىرانسىيەدىكى نەۋايى تەتقىقاتىدا مەشھۇر ئەدىب ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاراگون ئۆزىنىڭ نەۋايى ھەققىدىكى قاراشلىرىدا مەشھۇر رۇس شەرقشۇناسلىرى - ۋ. بارتولىد، ظئ. بېرتېلس، ظا. بوروۋكوۋلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا تايىنىدۇ. «نەۋايى – دەپ يازىدۇ ئاراگون، – سەئدى ۋە فەرىدىدىن ئەتتار شېئىرىيىتى، بولۇپمۇ 12 - ئەسىردە ياشاپ ئىجاد قىلغان ئەزەربەيجان شائىرى نىزامىي ئىزىدىن بېرىپ، ئۇنىڭ «خەمسە» سىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى داۋام ئەتتۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتۈش ئورۇنلۇقتۇر. نەۋايى ئۆزىنىڭ ‹پەرھاد ۋە شېرىن› داستانىنىڭ مەزمۇنىنى نىزامىينىڭ ‹خىسرەۋ ۋە شېرىن› داستانىنىڭ مەزمۇنىدىن ئالىدۇ، بىراق ئەدىب ئۇنى ئۆز ئانا تىلىدا، يەنى تۈركىي تىلىدا يازىدۇ. تۈركىي تىلىنىڭ ئەڭ نازۇك تەرەپلىرىنى نامايان قىلىدۇ». ئىز تورى بەك ياخشى

  «... نەۋايى جاھان شائىرلىرى قاتارىدا ئۆز غەزەللىرىنى بار ئاۋازى بىلەن ئوقۇماقتا. زامانىمىزنىڭ مەشھۇر شائىرلىرى چىلىلىق نېرودا، پىراگالىق نېزۋال، كۇبالىق گىلىن، ئىسپانىيەلىك ئالبېرتى، فىلادىلفىيەلىك لوڭفېللو، ۋەتىنىدىن قوغلانغان نازىم ھېكمەت ئۇنىڭغا تەزىم قىلىپ تۇرۇپتۇ. نەۋايى ئەدەبىي مىراسى ئەسىرلەردىن بېرى خەلق قەلبىدە ياشاپ كەلدى ۋە ياشىماقتا.»⑥ copyright by www.iz.la

  1991 - يىلىنىڭ ئاخىرى فىرانسىيەدە نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 550 يىللىق تەنتەنىسى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس نەۋايى ئەسەرلىرىدىن تەركىب تاپقان «غەزەللەر ۋە باشقا شېئىرلار» ناملىق كىتاب ئەسلى نۇسخىسىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ۋە فىرانسوزچە تەرجىمىسى بىلەن بىرلىكتە نەشر قىلىنغان. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

  4

  ھىرات ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئۇ بۈيۈك شائىر ئەلىشىر نەۋايىغا ئانا شەھەر بولۇش شەرىپى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغاپ كەلمەكتە. نەۋايىنىڭ نامى يەتكەن يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ شەھەرنىڭ نامى بار. نەۋايى تىلغا ئالغان ھەرقانداق ئادەم ھىراتنى تىلغا ئالماي قالمايدۇ. نامى بىر شەىسنىڭ نامى بىلەن بىرىكىپ دۇنيادا شۆھرەت قازانغان بۇنداق شەھەرلەر تارىختا كۆپ ئۇچرىمايدۇ.

www.iz.la


  ھىراتنىڭ شەھەرلىك نۇقتىسىدىن گۈللىنىشى ۋە نەۋايى ياشىغان 15 - ئەسىردە شەرقتىكى مەشھۇر مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلىنىشىدا نەۋايى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا خۇراسان تەختىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى بولغان شائىر نەۋايىنى دەسلەپ مۆھۈردارلىق كېيىن ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھۈسەيىن بايقارانىڭ نەۋايىنى ۋەزىرلىككە تەيىنلىشى ۋە ئىككىيلەننىڭ يېقىن بولغانلىقىدىن باشقا، نەۋايىنىڭ تەدبىرلىك، زېرەك، دادنىشمەن بولغانلىقى، جەمئىيەتتە ئۆزىگە خاس ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت ئىشلىرىدا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ مەقسەت قىلغان. ئىز تورى بەك ياخشى

  نەۋايى ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشقاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، بولۇپمۇ پايتەخت ھىراتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ ئۆزى باش بولۇپ بىرنەچچە خانىقا، مەدرىسە، شىپاخا، رابات، كىتابخانىلارنى قۇردى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن زور بىر تۈركۈم ئىختىساسلىق خادىملارنى ھىراتقا توپلاپ، ھەرقايسى ئىلىم تۈرلىرى بويىچە ئۇلارغا زامانىسىغا نىسبەتەن ئەڭ ئەۋزەك ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات شارائىتى ھازىرلاپ بەردى.

www.iz.la



  نەۋايىنىڭ ۋاپاتى (1501 - يىلى) دىن كېيىن ھىرات شەھىرىنىڭ گۈللىنىش مۇساپىسى ئۇزۇنغا بارمىدى. ھەر خىل ئۇرۇشلار سەۋەبىدىن ھىرات ھەر تەرەپلىمە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. 18 - ئەسىرگە كەلگەندە ھىرات ئافغانلارنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى. 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئافغانىستاندا ھەرخىل ئۇرۇشلار ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى. ئەنە شۇ ئۇرۇشلارنىڭ بىرىدە ھىرات شەھىرىنىڭ نەۋايى دەۋرىدىن قالغان تارىخىي ئابىدىلىرى – نەۋايى بىۋاسىتە قول سېلىپ بىنا قىلدۇرغان ھەشەمەتلىك ئەسلىھەلەر – مەسچىت، مەدرىسە، خانىقا، سارايلار، ھەتتا نەۋايىنىڭ قەبرىسىمۇ دەھشەتلىك توپقا تۇتۇشلار نەتىجىسىدە ۋەيران بولغان. نەۋايىنىڭ ھىرات شەھىرىدىكى كېيىنكى قەبرىسىنى، ئۆزبېك شائىرى غاپۇر غۇلامنىڭ يېزىشىغا قارىغاندا 1947 - يىلى ھىراتلىق سودىگەر غۇلام ھەيدەر مۇختەرزادە دېگەن كىشى ئەسلىدىكى ئورنىغا قوپۇرۇپ قويغانىكەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


  خوش، نەۋايىنىڭ خاكى تەۋە بولغان ئافغانىستاندا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ئىشلىرى زادى قانچىلىك؟

  مەن بۇ يەردە ئېرىشكەن بىر قىسىم ماتېرىياللار ئاساسىدا بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  ئافغانىستاندا نەۋايى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر 40 - يىللاردا باشلانغانلىقى مەلۇم. 1945 - يىلى ئافغانىستاندا چىقىدىغان «ئارىيانە» ژۇرنىلىدا مەخسۇس نەۋايىغا بېغىشلانغان ماقالە ئلان قىلىنغان. 1946 - يىلى بۇلغار شەرقشۇناسى د. پېتروسكوپېروۋنىڭ «بۈيۈك كىلاسسىك شائىر مىر ئەلىشىر نەۋايى» ناملىق ماقالىسىنىڭ تەرجىمىسى ۋە 1961 - يىلى ئابدۇرۇسۇل رەھىمنىڭ «نەۋايى خۇراساننىڭ تۈركىي نەسەپ پەرزەنتى» ناملىق ماقالىسى شۇ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

  1967 - يىلى ئەدەبىياتشۇناس مۇھەممد ياقۇپ ۋاھىدىينىڭ يېتەكچىلىكىدە ئافغانىستان تەتقىقاتچىلىرىنىڭ نەۋايى ھەققىدىكى ماقالىلىرى كىتاب قىلىپ نەشر قىلىنغان. كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ماقالىلەردە نەۋايىنىڭ تەرجىمىھالى، «خەمسە» ۋە نەۋايىنىڭ بىر قىسىم نەسرىي ئەسەرلىرى ھەققىدىكى كۆزىتىشلەر بايان قىلىنغان.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


  1972- يىلى رۇس شەرقشۇناسى، ئاكادېمىك باتولىدنىڭ «مىر ئەلىشىر نەۋايى ۋە سىياسىي ھايات» ناملىق ئەسىرى پىروفېسسور مىر ھۈسەيىنشاھ تەرىپىدىن دارىي تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان. 1981 - يىلى بۇ تەرجىمە شۇ چاغدىكى مەدەنىيەت ۋەزىرى ئابدۇمەجىد سەربەلەندنىڭ كىرىش سۆزى بىلەن قايتا نەشر قىلىنغان.
copyright by www.iz.la


  كېيىنكى يىللاردا ئافغانىستاندا نەۋايى ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە تەرغىبات ئىشلىرىنىڭ دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيگەن. مەسىلەن، ھافىزىينىڭ «ئەمىر ئەلىشىر نەۋايى مەردى ئەدىب، شېئىر، سىياسەت، ئىدارە ۋە ئەمران دەر تارىخى كىشىۋەرى ما» («ئەلىشىر نەۋايى دۆلىتىمىز تارىخىدىكى بۈيۈك ئەدىب، سىياسىيون ۋە جامائەت ئەربابى»)، پەرۋىن سىنانىڭ «مەردى بۇزۇرگ» («بۈيۈك ئەرباب»)، مۇھەممەد ئەمىن مەتىننىڭ «مەزمۇنى رەنگىن» («گۈزەل مەزمۇن»)، مۇھەممەد ئاسەف فىكرەتنىڭ «فوشۇدەئى ئەھۋالى ئەمىر ئەلىشىر نەۋايى») قاتارلىق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


  1981 - يىلى ئافغانىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە كابۇل دارىلفۇنۇنى «نەۋايى ئىجادىيىتىنى ئۆگىنىشتىكى ئون يىللىق پىلان» نى تۈزۈپ چىققان. شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر يىلى نەۋايى تەۋەللۇت بولغان ۋە ۋاپات بولغان كۈنلەردە مەخسۇس ئىلمىي يىغىنلار ئۆتكۈزۈلگەن.1981 - يىلى فېۋرالدا «ئانس» گېزىتىدە شەمشىددىن زەرىف سىدىقىينىڭ «نەقىشى ئەمىر ئەلىشىر نەۋايى دەرفولكلور» («ئەمىر ئەلىشىر نەۋايىنىڭ فولكلوردىكى ئورنى») ناملىق زور ھەجىملىك ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ئىز تورى بەك ياخشى

  1990 - يىلى تەتقىقاتچى غاپپار بايانىينىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئافغانىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى نەشرىياتى نەۋايىنىڭ «خەمسە» سىنى نەشر قىلغان «پەرھەنگى ئەمىر ئەلىشىر نەۋايى» («ئەلىشىر نەۋايى مەدەنىيەت جەمئىيىتى») تەرىپىدىن تەتقىقاتچى ھەلىم يارقىن بىلەن شەفىفە يارقىننىڭ «سىيمائى ئەلىشىر نەۋايى» («ئەلىشىر نەۋايى ئوبرازى») كىتابى بېسىلغان. www.iz.la

  1991 - يىلى ئافغانىستاندا نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 550 يىللىقى زور تەنتەنە بىلەن خاتىرىلەندى. 1991 - يىلى 9 - 10 - فېۋرال كۈنلىرى كابۇل شەھىرىدە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ئافغانىستان ۋە چەت ئەل ئالىملارنىڭ نەۋايى ھەققىدىكى يېڭى تەتقىقاتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئافغانىستاندا چىقىدىغان «ھىۋاد» («ۋەتەن») گېزىتىنىڭ 1991 - يىللىق 17 - يانۋار سانىدا «ئەمىر نىزامىددىن ئەلىشىر نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 550 يىللىقىنى ئىززەتلەش» سەھىپىسى ئاستىدا ئافغانىستان ئالىي سوتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «بۈيۈك ئالىم ئەبۇرەيھان بېرونىي»، «ئىككىنچى مۇئەللىم ئەبۇناسىر فارابى»، «تېۋىپ ۋە پەيلاسوپ ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنا» قاتارلىق ئىلمىي، تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى، ئافغانىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەسىس قىلغان «نەۋايى مۇكاپاتى»نىڭ ساھىبى، شائىر ئابدۇلھەكىم شەرئى جوزجانىنىڭ «ئەلىشىر نەۋايى – يېڭى ئەدەبىي مەكتەپنىڭ ئاساسچىسى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
ئىز تورى www.iz.la


  «ھىۋاد» گېزىتىنىڭ 1991 - يىللىق 9 - فېۋرال سانىغا ئىقتىدارلىق تەتقىقاتچى ھەلىم يارقىننىڭ «نەۋايى - فەرزانە سۇخەنۋەر ۋە ئىنساندوستى بۇزۇرگ» («نەۋايى دانىشمەن شائىر ۋە ئۇلۇغ ئىنسانپەرۋەر») ناملىق ماقالىسى بېسىلغان. گېزىتتە يەنە غاپپار بايانىينىڭ، نەۋايىنىڭ شەيغزادە مەھمۇد مۇزەھىب تەرىپىدىن سىزىلغان رەسىمى ھەققىدىكى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

  نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 550 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان كۈنلەردە ئافغانىستاندا چىقىدىغان «پەيام»، «ئانس» گېزىتلىرى ئافغانىستاننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پىرىزدېنتى نەجىبۇللا ۋە باش مىنىستىر فەزلۇللاھ خالىقيارنىڭ نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 550 يىللىقىنى تەبرىكلەپ بۇ قېتىمقى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا يوللىغان خېتىنى ئېلان قىلغان.نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 550 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان كۈنلەردە، ئافغانىستاننىڭ تاشكەنتتىكى باش كونسۇلىنىڭ كاتىى بولۇپ تۇرۇۋاتقان مۇھەممەد زاھىر مەلىكبابا ئەپەندى بىر قېتىملىق سۆھبەتتە «نىزامىددىن سىر ئەلىشىر جانابلىرى دەرھەقىقەت شېئىرىيەت ۋە كۆڭۈل مۈلكىنىڭ سۇلتانى، پاساھەت، مۇرۇۋۋەت ۋە پۈتۈۋەتتە تەڭدىشى يوق، لاتاپەتلىك بىر كىشى ئىدىلەر، ئافغان ئىلى تارىخىدا ئۇ زاتنىڭ خىزمەتلىرى ناھايىتى زوردۇر. بىزنىڭ كىشىلىرىمىز نەۋايى ھەققىدە سۆز بولغاندا دائىم قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈرىدۇ... ئۇ زات ئىران، ئىراق، شام، تۈركىيە، ماراكەشتە، ھەتتا ئامېرىكا، ياپون ئېلىدا ھەم مەشھۇر. ئۇنىڭ گۈزەل مىراسى بارلىق مەملىكەتلەردە ئۆگىنىلمەكتە»⑦ دەيدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مۇھەممەد زاھىر مەلىكبابا ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزلىرى بىزگە ئافغانىستان خەلقىنىڭ نەۋايى ھەققىدىكى ئورتاق چۈشەنچىلىرىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى بىر قىسىم ئەللەردە نەۋايى ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، نەشر قىلىش ۋە تەتقىق قىلىش خىزمەتلىرى بىرقەدەر مۇنتىزىم ھالدا يولغا قويۇلۇپ، ھازىرقى زامان نەۋايىشۇناسلىق پېنىگە ئاساس ھازىرلاندى. 1926 - يىلى باكۇدا «نەۋايى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىندى. 1928 - يىلى لېنىنگرادتا «مىر ئەلىشىر» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىندى. بۇ توپلامغا بارتولىد، بېرتېلىس قاتارلىق مەشھۇر رۇس شەرقشۇناسلىرىنىڭ ماقالىىرى كىرگۈزۈلگەن.30 – 40 - يىللاردا نەۋايىغا مۇناسىۋەتلىك ئەدەبىي، ئىلمىي ۋە نەشرىي ئىشلارنىڭ دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيدى. 1941 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئەلىشىر نەۋايى تەۋەللۇتىنىڭ 500 يىللىقىنى خاتىرىلەش توغرىسىدا قارار قوبۇل قىلدى. ئەمما 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ پائالىيەت كېچىكتۈرۈلۈپ، 1948 - يىلى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن



  6

  تارىختا ئەجدادلىرىمىز ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرىنى تەلىم - تەربىيە ئىشلىرىدىكى زۆرۈر ئوقۇشلۇق سۈپىتىدە قوللانغان، ئۇنى قولمۇقول كۆچۈرۈپ ھەربىر ئائىلىدە دېگۈدەك دەستۇر سۈپىتىدە ساقلىغان. مەدەنيەت سەۋىيەسى بىرقەدەر تۆۋەن كىشىلەرنىڭ نەۋايى ئەسەرلىرىنى چۈشىنىشىگە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، بىر قىسىم مۇرەككەپ، پەلسەپىۋىلىكى چوڭقۇر ئەسەرلەرگە شەرھلەر يېزىلغان. ھەتتا بىر قىسىم مەرىپەتپەرۋەر ئەل سورىغۇچىلارنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن تولۇق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى بىلەن نەۋايىنىڭ بەزى مۇھىم ئەسەرلىرى ئاممىباب ئۇسۇلدا نەسرلەشتۈرۈپ قايتا تۈزۈلگەن. بىر قىسىم خەتتاتلار مۇتلەق خالىس (يەنى قەلەم ھەققى ياكى باشقا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەمەلەردىن خالىي) ئېتىقاد بىلەن بىر ئۆمۈر نەۋايى ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغان.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


  يېقىنقى زامانغا نىسبەتەن نەۋايى ئەسەرلىرىنى رەتلەش، نەشر قىلىش، ئۇنىڭدىن دەۋرىمىز كىشىلىرىنى بەھرىمەن قىلدۇرۇش ئىشلىرىنى 80 - يىللاردىن باشلاندى دېسەك، ئانچە خاتا بولمايدۇ. گەرچە بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ نەۋايى ئەسەرلىرىنى رەتلەش، نەشر قىلىش ئىشلىرى قولغا ئېلىنىپ بەزى نەتىجىلەر يارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر خىل سەۋبلەر تۈپەيلىدىن مۇنتىزىم داۋاملىشالمىدى. 80 - يىللارغا كەلگەندىلا بۇ ئىش رەسمىي قولغا ئېلىنىپ، بىر تۈركۈم پېشقەدەم ۋە ياش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جاپالىق ئەمگەكلىرى نەتىجىسىدە خېلى زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە نەۋايىنىڭ تاللانغان «غەزەللىرى»، «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» (ئىككى تىل ھەققىدە مۇھاكىمە) «مەجالسۇن نەفائىس» (گۈزەل مەجلىسلەر)، نەۋايى ئىجادىيىتىنىڭ چوققىسى ھېسابلانغان «خەمسە» تەركىبىدىكى بەش داستان ئايرىم - ئايرىم كىتاب قىلىپ نەشر قىلىندى. «بۇلاق» ژۇرنىلىدا «لىسانوت تەيىر» (قۇش تىلى) داستانى، «ۋەقفنامە» رىسالىسى ۋە باشقا بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى. بۇلار گەرچە نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ ئازغىنا بىر قىسمى بولسىمۇ، لېكىن تارىخىي ئەھمىيەتلىك بىر بۇرۇلۇشنىڭ مۇقەددىمىسى سۈپىتىدە كىشىنى شادلاندۇرىدۇ ۋە ئۈمىدلەندۈرىدۇ. ئەمما بىزدە نەۋايى ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىلمىي باھا بېرىش ئىشلىرى تېخى مۇكەممەل بىر ئىزغا چۈشكىنى يوق. شۇ سەۋەبتىن نەۋايى ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىش ئىشلىرىدا بەزى مەسىلىلەر ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇ مەسىلىلەر بىر تەرەپتىن بىزنىڭ كىلاسسىك مىراسلارنى رەتلەش، نەشرگە تەييارلاش جەھەتتىكى سەۋىيەمىزنىڭ يۈزەكىلىكىنى ئىپادىىسە، يەنە بىر تەرەپتىن مەتبۇئات، نەشرىياتچىلىق مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. شائىرنىڭ تەخەللۇسىنى قانداق يېزىش مەسىلىسى ئەنە شۇ مەسىلىلەر ئىچىدىكى قارىماققا ئاددىي، ئەمما ئەھمىيەتلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


  مەتبۇئاتچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەسىلىلەرنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. شۇ نۇقتىدىن شائىرنىڭ تەخەللۇسىنى توغرا يېزىش ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش ھازىرقى دەۋرىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


  ھازىرغىچە مەتبۇئاتلىرىمىزدا شائىرنىڭ تەخەللۇسى ھەرخىل شەكىللەردە يېزىلىپ كەلدى. مەن بۇ يەردە مىسال تەرىقىسىدە تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق كۆردۈم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  1. ئەلىشىر نەۋايى «غەزەللەر» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

  2. ئەلىشىر نەۋايى «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» مىللەتلەر نەشرىياتى
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


  3. ئەلىشىر نەۋايى «خەمسە» شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى

  4. ئەلىشىر نەۋايى «مەجالسۇن نەفائىس» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


  ئۇنداقتا شائىرنىڭ تەخەللۇسىنى قانداق يېزىش كېرەك؟تەخەللۇسنىڭ ئۈۈكى پارسچە «نەۋا» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئۈن، ئاۋاز، سادا، كۈي، مۇڭلۇق ئۈن، بايلىق، لەززەت، نېسىۋە دېگەندەك كۆپ خىل قاتلاملارغا ئىگە. چاغاتاي تىلى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، چاغاتاي تىلىدىكى ئەرەبچە - پارسچە سۆزلەردە ئۈزۈك اۋۇشلارغا قوشۇلۇپ كېلىدىغان «ظە» تاۋۇشى ئايرىم ھەرپ بىلەن ئەمەس، بەلكى شۇ ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپىنىڭ ئۈستىگە زەبەر «-» بەلگىسىنى قويۇش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. نەۋا سۆزىمۇ مۇشۇ كاتېگورىيەگە مەنسۇپ بولۇپ، يېزىقتا «ن» ھەرپىنىڭ ئۈستىگە زەبەر بەلگىسىنى قويۇش ئارقىلىق يېزىلىپ تەلەپپۇز ۋە تىرانكرىپسىيەسىدە نەۋا دېيىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەرەب، پارس تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر ئەگەر ئىسىم بولۇپ كەلسە، شۇ پېتى تىرانكرىپسىيە قىلىنىدۇ ۋە قوللىنىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تەخەللۇسنىڭ ئۈزۈكى نەۋا شەكلىدە يېزىلسا مۇۋاپىق يېزىلغان بولىدۇ.تەخەللۇسنىڭ قوشۇمچىسى ھەققىدىكى قاراشلار ھەرخىل بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە ھەرخىل شەكىلدە قوللىنىپ كېلىنمەكتە. شائىرنىڭ ئەسەرلىرى بىرقەدەر تولۇق نشر قىلىنغان ۋە خېلى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىنغان ئۆزبېكىستاندا تەخەللۇس Навоий - نەۋايى دەپ مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، قوشۇمچىسى ئي شەكلىدە ئېلىنماقتا. تۈركچىدە تەخەللۇس Νеvài - نەۋايى دەپ يېزىلىپ قوشۇمچىسى ئى شەكىلدە ئېلىنماقتا. بىزدە تەخەللۇسنىڭ قوشۇمچىسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئاساسەن ئى شەكىلدە ئېلىشقا قاراپ مەركەزلەشمەكتە. ئەمما مەن شائىرنىڭ تەخەللۇسىنى يى قوشۇمچىسى بىلەن نەۋايى شەكلىدە ئېلىشنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن.
ئىز تورى www.iz.la


  1. شائىرنىڭ تەخەللۇسى ئۇزۇندىن بېرى خەلقىمىز ئارىسىدا ناۋايى شەكلىدە ئومۇملىشىپ كەتكەن. سۆزنىڭ تۈپلىكى نۇقتىسىدىن بىرىنچى بوغۇمدىكى «ظا» نى «ظە» ئالساقمۇ تەخەللۇسنىڭ قوشۇمچىسىنى «يع» پېتى قوللىنىۋەرسەك ئاساسىي نۇقتىدىن ئانچە يىراقلاپ كەتكەن بولمايمىز.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن



  2. تەخەللۇسنى ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئۇدا كەلگەن قاتتىق تەلەپپۇزلۇق «ظع» قوشۇمچىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى يۇمشاق تەلەپپۇزلۇق «يع» قوشۇمچىسى بىلەن ئالساق بىرقەدەر يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدۇ. www.iz.la

  3. چاغاتاي تىلى ھەققىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا «ئەگەر ئېنىقلانغۇچى ئىسىم ‹ظا›، ‹ظە›، ‹ظع› سوزۇق تاۋۇشلىرى بىلەن ئاخىرلاشقان بولسا، ئۇنىڭغا ‹يع› ياكى ‹ظع› قوشۇلىدۇ»⑧ كەن. دېمەك، سوزۇق تاۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئېنىقلانغۇچى ئىسخىما «يع» قوشۇمچىسىنى قوشساقمۇ خاتا بولمايدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


  4. شائىرنىڭ دوستى، تالانتلىق شائىر سۇلتان ھۈسەيىن بايقارانىڭ «كەلگۈسى» رادىپلىق غەزىلىنىڭ قاپىيەسى «دىلرەبايىڭ»، «فەزايىڭ»، «ھۇمايىڭ»، «ئايدىڭ»، «رەھنەمايىڭ» شەكلىدە داۋاملىشىپ كېلىپ:ئەي ھۈسەينىي قىلماغىل ئىشرەت نەۋاسىنكىم، بۇ كۈن،كىم گۈلۈستانى نىشاتىڭدا نەۋايىڭ كەلگۈسى.دەپ ئاخىرلاشقان. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى بۇ يەردە تەخەللۇسنىڭ قوشۇمچىسى «ظع» شەكلىدە ئېلىنسا غەزەلنىڭ قاپىيەسى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلىدۇ (ئەپسۇسكى، بۇ غەزەل بىزدە دەل قاپىيەسى بۇزۇلغان ھالدا ئېلان قىلىندى). مەن يۇقىرىدىكى تەخەللۇس ھەققىدىكى قارشلىرىمنى مۇتلەق ئاساسقا ئىگە دېيەلمەيمەن، ئەمما شائىرنىڭ تەخەللۇسىنى ھەر كىم خالىغانچە يېزىۋېرىدىغان قالايمىقانچىلىقلارغا ئەمدى چوقۇم بەرھەم بېرىلىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئويلىنىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

copyright by www.iz.la


ئىزاھ ۋە پايدىلانغان مەنبەلەر:
① ھىرمان ۋامبىرى «بۇخارا ياكى ماۋارائۇننەھىر تارىخى»، «شەرق يۇلتۇزى ژۇرنىلى، 1990 - يىل 5 - سان.
②③ «ئۆزبېكىستان ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى» گېزىتىنىڭ 1991 - يىل 4 - ئۆكتەبىر سانى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
④⑤ «ئۆزبېكىستان ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى» گېزىتى، 1991 - يىل 27 - سېنتەبىر سانى.
⑥ خەمىت تۆمۈر، ئابدۇرۇپ پولات «چاغاتاي تىلى» قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1986 - يىل نەشرى. ئىز تورى www.iz.la
«ياش لېنىنچى» گېزىتى 1991 - يىل 27 - سېنتەبىر سانى.
«ئۆزبېكىستان ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى» گېزىتى، 1992 - يىل 17 - ئىيۇل سانى.
يۇقىرىقى گېزىت 1991 - يىل 26 - ئىيۇل سانى.
ئىز تورى www.iz.la

يۇقىرىقى گېزىت 1991 - يىل 8 - فېۋرال سانى.
يۇقىرىقى گېزىت 1990 - يىل 9 - ئىيۇل سانى.
يۇقىرىقى گېزىت 1991 - يىل 18 - يانۋار سانى.
«شەرق يۇلتۇزى» ژۇرنىلى 1985 - يىل 11 - سان.
ئىز تورى www.iz.la

ن. مەللەيىف، غ. كەرىموف ۋە س. ئىسمەتوفلار تۈزگەن «ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى» (دەرسلىك).

مەنبە. خەلق تورى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس