app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

كۇچادىكى ساياھەت نۇقتىلىرى

ۋاقتى:2014-04-25 16:46مەنبە: يوللىغۇچى:گۈلخۇمار چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

 كۇچا ۋاڭ ئوردىسى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كۇچا ۋاڭلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى بولۇپ ، كۇچا ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونى لىن جىلۇ كوچىسى ‹‹ قۇتلۇق ئوردا›› مەھەللىسىگە جايلاشقان . ھازىرقى ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 40 مىڭ كىۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 8000 كىۋادرات مېتىر ، كۆكەرتىش كۆلىمى 26 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ ، كۆكەرتىش نىسبىتى%65 تىن ئاشىدۇ . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

  كۇچا ئۇيغۇر ۋاڭلىرى مىلادى 1756 – يىلىدىن 1949 – يىلى شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغانغا قەدەر 12 ئەۋلاد، 200 يىلغا يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ، بۇ مەزگىللەردە چىڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتى كۇچا ئۇيغۇر ۋاڭلىرى ئارقىلىق يەكەننى مەركەز قىلغان پۈتكۈل جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى ئىدارە قىلغان . كۇچا ۋاڭلىرى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ‹‹چوڭ – كىچىك خوجىلار توپىلىڭى ›› نى باستۇرۇپ ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشقان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  كۇچا ۋاڭ ئوردىسى ئومۇمىي گەۋدە جەھەتتىن بىرقانچە ساياھەت رايونلىرىغا بۆلۈنگەن . بۇلاردىن ئاخىرقى ۋاڭ كۆرگەزمىخانىسى ، ۋاڭلارنىڭ نەسەبنامە كۆرگەزمىخانىسى ، ۋاڭ ئوردىسى ئاسار ئەتىقە كۆرگەزمىخانىسى، كۈسەن مۇزېي رايونى، كۈسەن بۇددا مىڭئۆي سەنئىتى كۆرگەزمىخانىسى، ئۆرپ – ئادەت كۆرگەزمىخانىسى ، ئىشلەپچىقىرىش – تۇرمۇش ۋاسىتىلىرى كۆرگەزمىخانىسى، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر – سەنئەت كۆرگەزمىخانىسى، قەدىمكى پۇللار كۆرگەزمىخانىسى، قەدىمكى شەھەر تېمى ساياھەت رايونى، كۈسەن مەدەنىيەت – سەنئەت كارىدورى ، چوڭ مەسچىت قاتارلىقلار بار . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  قىزىلقاغا مىڭئۆيى قىزىلقاغا مىڭئۆيى كۇچا ناھىيە بازىرىنىڭ 11 كىلومېتىر غەربىي شىمالىدىكى شالدىراڭ ئېقىن جىلغىسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان . غارلار ئارىسىدىكى تۈزلەڭلىكنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قىيا ياكى دۆڭگە قېزىلغان . 47 غارغا نومۇر قويۇلغان بولۇپ ، بۇلاردىن 38 غار خېلى مۇكەممەل ساقلانغان. قالغان ئونبىرسىدە تام رەسىملىرى ئاندا – ساندا ساقلىنىپ قالغان . ئىز تورى www.iz.la

  سىم – سىم مىڭئۆيى سىم – سىم مىڭئۆيى كۇچا ناھىيە بازىرىنىڭ 46 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىغا ، ياقا بازىرىنىڭ كىرىش كەنتىدىكى قۇرۇقتاغ جىلغىسىغا جايلاشقان . غارلار جايلاشقان ئورنىغا قاراپ ، شەرقىي رايون ، جەنۇبىي رايون، غەربىي رايون ، شىمالىي رايون ، ئوتتۇرا رايون دەپ بەش رايونغا بۆلۈنگەن . 52 غارغا نومۇر قويۇلغان ، 19 غارخېلى مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، غاردىكى تام رەسىملىرىنىڭ تولىسى چۈشۈپ كەتكەن ، ئاز ساندىكىلىرى خېلى ياخشى ساقلانغان . سىم – سىم مىڭئۆيى غارلىرى كۆسەندىكى مىڭئۆيلەر ئىچىدە ھايۋانات تېما قىلىنغان رەسىملەر ئەڭ كۆپ سىزىلغان غارلاردۇر . ئۇنىڭدىكى رەسىملەر كۆسەنگە خاس بەدىئىي ئۇسلوبقا ئىگە ، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستان سەنئىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان . غارنىڭ شەرقىدىكى دۆڭدە بىر ئىبادەتخانا خارابىسى بار بولۇپ ، كۆلىمى تەخمىنەن 15 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ ، بىر يۈزىگە ساپال پارچىلىرى ، گەج پارچىلىرى ، مىس بېزەك، مىس پۇل، خىرۇستال مارجان ۋە سىرلىق ھېجىر قاچىلارنىڭ پارچىلىرىغا ئوخشاش نەرسىلەر تارقالغان.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس