ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بايىنبۇلاق يايلىغىنىڭ يۇلتۇز ئويمانلىقى سۈيى ئەلۋەك، ئوت-چۆپى مول، مۇھىتى گۈزەل، تېنچ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 1080 كۋادىرات كىلومىتېر ئەتراپىدىكى، تاغلار ئۆراپ تۇرغان، ھەرخىل ياۋايى سۇ قۇشلىرىنىڭ ياشىشىشغا، كۆپىيىشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدىغان جەننەت كەبى ماكان. ھازىر بۇ رايوندا مەملىكىتىمىزدىكى تۆت چوڭ ئاققۇ ئائىلىسىدىكى ئاققۇلاردىن چوڭ ئاققۇ، كىچىك ئاققۇ، ياپىلاق تۇمشۇق ئاققۇدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئاققۇ ياشايدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
200 خىلغا يېقىن سۇ قۇشلىرى بۇ گۈزەل رايوننى ماكان قىلغان بولۇپ، ئاققۇلار 4- ئايدىن 11- ئايغىچە مۇشۇ ماكاندا ياشايدۇ، قىش پەسلىدە ئىسسىق بەلباغلارغا كۆچۈپ كېتىدۇ، ھازىر مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ بىر قىسىم ئاققۇلار بۇ يەردە قىشلايدىغان بولدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل بايىنبۇلاق مەنزىرە رايوننىڭ ئاققۇ كۆلى مەنزىرە نۇقتىسىدا يېڭىدىن يەتتە سەيلىگاھ تەسىس قىلىنىدىكەن، بۇلار ئاققۇ كۆلى مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى، يايلاق سۆيگۈسى سەيلىگاھى، ئاققۇ باغچىسى، جاگىستاي قۇشلار سەيلىگاھى، مىللى ئۆرپ-ئادەت سەيلىگاھى، ئېربىڭ بۇدخانىسى ۋە باشىلىق مەنزىرە نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى، ساياھەتچىلەرگە ئۈچ يېڭى لىنىيەنى يەنى «شەرققە قايتىش» مەدىنىيەت ساياھىتى، يايلاق مەنزىرسى ساياھىتى، يازلىق ئارام ئېلىش ساياھىتىنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇنىڭدىن باشقا بايىنبۇلاقنىڭ دۇنيا تەبئىي مىراسلىرى بويىچە ئىسمى ئاتالغان جاي بولغانلىغىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بايىنبۇلاق مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەنزىرە رايونى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان ساياھەت كوپىراتىپى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولالايدىكەن. ھەربىي، مېيىپ، ئېگىزلىگى بىر يېرىم مىتېردىن تۆۋەن بولغان بالىلار، 65 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن.
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
خېجىڭ ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتىن تۇردى ئەبەيدۇللا تەييارلىغان مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
