ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قارا كۆل ئاقتو ناھىيەسىنىڭ بۇلۇڭكول يېزا سۇ باش كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3652 مىتىر، دائىرىسى 60 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، جۇڭگو ــ پاكىستان تاشيولى كۆلنىڭ غەربىي جەنۇپ تەرىپىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، قاتناش قولايلىق. بۇ شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز ئورۇنغا جايلاشقان كۆل بولۇپ، داڭلىق بۇغدا كۆلىنىڭ جايلاشقان ئورنىدىن 1672 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان، كۆلىنىڭ ئەتراپى مۇز تاغ ئاتا چوققىسى، گوڭگىر چوققىسى قاتارلىق قارلىق چوققىلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، بۇ خىل ئالاھىدە مۇھىت كۆلنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان، كۆل سۈيىنىڭ رەڭگى ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ھەر خىل رەڭگە ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، ھاۋا بۇلۇتلۇق مەزگىلدە كۆل سۈيى قارا رەڭگە كىرىدىغانلىقتىن «قارا كۆل» نامى بىلەن ئاتالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھىيە ساياھەت بايلىق مەنبەلىرىنى ئېچىش خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، كۆل ئەتراپىدا ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۇرۇش ئارقىلىق ھەر يىلى نەچچە مىڭلىغان جۇڭگو ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالماقتا .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە ؛ جۇڭگۇ رادىئو تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
