ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
29-ئاپرېل ، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تەڭرىتاغ ياۋايى ھايۋانات باغچىسىدىن ئىگىلىشىچە ، باغچا كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى ، ماي باھاسى ، ھايۋانات يەم-خەشەكلىرى ۋە باغچا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى مائاشىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ، ئەتە(1-ماي)دىن باشلاپ ، بۇ باغچىنىڭ ئىشىك بېلىتى 70 يۈەنگە تەڭشىلىدىكەن ، ئۆسمۈرلەر ، ياشانغانلار ، مېيىپلار ، خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرگە باھادا ئېتىبار قىلىنىدىكەن . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شىنجاڭ تەڭرىتاغ ياۋايى ھايۋانات باغچىسى 2005-يىلى سېنتەبىردە تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان ، بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ ، بىر تەرەپتىن تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتكەن . ھازىرغا قەدەر ، باغچىدىكى ھايۋانلارنىڭ سانى باغچا قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى نەچچە ئون خىلدىن 169 خىلغا ، سانى 1000 نەچچىدىن 3600 گە ئاشقان .
ئىز تورى www.iz.la
شىنجاڭ تەڭرىتاغ ياۋايى ھايۋانات باغچىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې شىنجيې مۇخبىرغا : ‹‹ دۆلەتنىڭ بېقىش ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا ، باغچىدىكى ھايۋانلارنى بېقىشقا بەش مىليون يۈەندىن ئارتۇق خىراجەت كېتىدۇ ، بىراق ، نۆۋەتتە باغچىنىڭ كىرىمى پەقەت ئىشىك بېلىتىدىنلا كىرىدۇ ، ھەر يىلى باغچىغا كىرىدىغان 220 مىڭ ساياھەتچىنىڭ ئىشىك بېلىتى (بېلەت باھاسى 49 يۈەن ) دىن كىرىدىغان كىرىم باغچىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ ، بېلەت باھاسى ئۆسكەندىن كېيىن ، بىز ئۈزلۈكسىز تۈردە ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ، باغچا مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ، ساياھەتچىلەرگە بىخەتەر، راھەت بولغان ساياھەت شارائىتى ھازىرلاپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشىمىز›› دېدى . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئىگىلىنىشىچە ، بېلەت باھاسى تەڭشەلگەندىن كېيىن ، بويى 1.2 مېتىردىن پاكار بولغان بالىلاردىن ، ياشانغانلار ۋە مېيىپلار ( مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلىرى بولغان ) دىن بېلەت ئېلىنمايدىكەن ، ئوقۇغۇچىلار (ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى بولغان)غا باھادا ئېتىبار بېرىلىدىكەن ، باغچا ئىچىدىكى ئېكىسكۇرسىيە ئاپتوموبىلىنىڭ باھاسى 30 يۈەن ئىكەن .
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
