ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
1 . زۇكام بولۇپ باش ئاغرىغاندا، پاكىز لۆڭگىنى مۇۋاپىق مىقداردىكى قايناق سۇغا چىلاپ، بوشىراق سىقىپ تەكشى قاتلاپ، ئاغرىقنىڭ كۆز، بۇرۇن، باش، بويۇن قاتارلىق ئورۇنلىرىغا يەڭگىل بېسىپ بەرگەندە، باش ئاغرىشنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
2. ھېق تۇتۇپ قالغاندا، بىر يۇتۇم قايناقسۇنى يەتتىگە بۆلۈپ يۇتۇپ بەرگەندە، ھېقنى توختاتقىلى بولىدۇ.
3. باشنىڭ يېرىمى ئاغرىغان ۋاقىتتا، بىر داس ئىسسىق سۇغا (ئىسسىق سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى قولنى كۆيدۈرمىگۈدەك بولسا بولىدۇ) ئىككى قولنى تەخمىنەن يېرىم سائەت ئەتراپىدا چىلىغاندا، باش ئاغرىقى ئاستا – ئاستا يېنىكلەيدۇ. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
4. مۈرە تالغاندا ئۇۋىلاپ بېرىش ئارقىلىق مۈرە تېلىشنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۈنۈمى كۆرەلمىسە،ئىسسىق سۇغا ئازراق تۇز بىلەن ئاچچىقسۇ قوشۇپ، ئاندىن لۆڭگىنى چىلاپ سىقىۋەتكەندىن كېيىن، مۈرىگە بېسىپ بەرسە، مۇسكۇللار بوشىشىپ، مۈرە تېلىشنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
5. شامالدىراشتىن پەيدا بولغان سوغۇق تىگىپ قېلىش،ئۇزۇن مۇددەت نەم، سوغۇق مۇھىتتا تۇرۇشتىن كېلىپ چىققان رېماتىزملىق بەل ئاغرىقىنى داۋالاشتا، ھوردىنىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، بەلدىكى سوغۇق ۋە نەملىكنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. بۇنداق ئۇسۇلدا ئاغرىقنى ئۈستەلگە تۈز ياتقۇزۇپ، توكلۇق ئىستاكانغا قايناق سۇ قۇيۇپ توكقا ئۇلاپ، بېلىگە قويۇلىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئىسسىق سۇ ھورى ئۆزلىكسىز تۇردە بەلگە ئۇتۇپ تۇرىدۇ، بۇنداق ئۇسۇلنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندا، سوغۇقتىن بولغان ئاغرىقنى داۋالىغىلى بولىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
6. زۇكامداپ دورا ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىلەر ئىسسىق سۇغا پۇتىنى چىلاپ بېرىش ئارقىلىق داۋالانسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا سۇ پۇتنىڭ ھوشۇغىغىچە بولسا بولىدۇ. چىلاش جەريانىدا ئۆزلىكسىز ئىسسىق سۇ قۇيۇپ تۇرۇش كېرەك، بۇنداق ئۇسۇلدا ئاغرىق ئىككى پۇتىنى بەدەندىن تەر چىققىچە چىلاش كېرەك. سۇغا ئازراق تۇز، ئاچچىقسۇ قويۇۋەتكەندە، دەۋالاش ئۇنىمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئادەتتە يېنىك زۇكامنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
7. يىڭناسقۇنى داۋالاش، ئازراق يېشىل چاينى ئىستاكانغا سېلىپ قاينىتىپ، ھورىدا كۆزنى بىر قانچە قېتىم ھورداش كېرەك، ھەر قېتىمدا تەخمىنەن 10 مىنۇت ئەتراپىدا ھورداپ بەرگەندە، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى
8. ئەگەر بەدەنگە ئۇششاق چىقان چىقسا، ئىسسىق سۇغا چىلانغان لوڭگىنى چىقان ئۇستىگە بېسىپ بېرىش كېرەك، بۇنداق ئۇسۇلنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىغاندا، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
9. قان بېسىم يۇقۇرىلاپ كەتسە، ئىسسىق سۇغا پۇتنى چىلاپ بەرگەندە، قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ .
