app دېتالى

تەۋىسسيەلىك
ئاۋات

مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەلنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ۋاقتى:2014-03-03 11:54مەنبە: يوللىغۇچى:ئىكرام چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

شائىر، تەتقىقاتچى، ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتچىسى مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل 1953‏-يىلى يانۋاردا مارالبېشى ناھىيە بازىرىدا بىر ئۇقۇمۇشلۇق زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1977‏-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۇرگەن. ئۇ 1977-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدا، قەشقەرگېزىتى ئىدارىسى، قەشقەرۋىلايەتلىك پارتكوم ،پەيزاۋات ناھىيىسى، قەشقەر يېزا ئىگىلىك تېخنىكومى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى قاتارلىق ئۇرۇنلاردا مۇخبىر، كاتىپ، مۇئاۋىن ھاكىم، مۇدىر، بىرلەشمە رەئىسى، باش مۇھەررىر قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىى 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان. 2013-يىلى پىنسىيىگە چىققان.

ئىز تورى بەك ياخشى


  ئۇ 1975‏-يىلى« شىنجاڭ ئەدەبىيات‏-سەنئىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «سۇمرۇغقا مەدھىيە» ماۋزۇلۇق شىئېرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. ھازىرغىچە ئۇنىڭ 500 پارچىدىن كۆپرەك شېئىر ۋە ئەدەبىي ماقالە‏-ئوبزورلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى گېزىت‏-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.«تارىمدىن سادا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 2000‏-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە نەزمىي ئەسەرلىرىدىن » تارىمدىن سادا»، «مۇشەققەت گۈزەللىكى»، «كەپتەرگە سۆز»، «مەندىن چاقنىغان ئۇچقۇنلار»، پوبلېستىك ماقالىلىرىدىن «شېئىرىيىتىمىزدە ئالەم تۇيغۇسى»، «شېئىرىي مۇددىئا توغرىسىدا»، «شىېئردىكى بەش مۇھىم ئامىل ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر» قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ يەنە، دىيارىمىزنىڭ تارىخ تەزكىرىسىگە ئائىت ماقالىلىرىدىن «تارىختا بېيجىڭدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا»، «چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭدا تۇرغۇزغان ئۈچ پارچە تاشپۈتۈك»، «دىيارىمىزدا ئۆتكەن سەككىزئۇيغۇر تارخانبەگ»،«ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش»... قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ «شىئېرىي مۇددىئا توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق پوبلېستىك ماقالىسى 2004‏-يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە 13‏-قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2005 ‏-يىلى 10‏-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن ئۇلۇغ تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد كاشىغەرىي تەۋەللۇتىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش كاتتا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئۇنىڭ«مەرھابا، كاتتا مەرىكە» ماۋزۇلۇق شىئېرى 200 نەپەر ھەر مىللەت ئۆسمۈر‏ بالىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر، خەنزۇ تىللىرىدا جاراڭلىق دېكلىماتسىيە قىلىنىپ، يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ 1993‏-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان ئىككى توملۇق «ئوقۇتقۇچىلار قوللانمىسى» ناملىق كىتابنىڭ قەدىمقى ۋە ھازىرقى زامان جۇڭگو ۋە دۇنيا تارىخى قىسمىنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. يەنە، 1997‏-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى ئۇ خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان «ئائىلە مال-مۈلۈك دەۋاسى»ناملىق كىتابنى نەشىر قىلغان. ئۇ باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئوتتۇرا تېخنىكوم ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئۇرۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش يىتەكچىسى»، «يېزا ئىگىلىك سىياسەتلىرى ۋە قانۇن-تۈزۈم» قاتارلىق كىتابلارنى تۈزۈپ قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىدا نەشىر قىلدۇرغان.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


  ئۇھازىر «ئالەم تۇيغۇسى» ماۋزۇلۇق شېئىر، ماقالىلار توپلىمىنى نەشىرگە تەييارلىدى. يەنە، ئۇيغۇرچە ئۇقۇشلۇقلاردا ئىسلام دىنىدىن باشقا دىنلار توغرىسىدىكى ئۇقۇشلۇقلارنىڭ كەمچىل بولۇۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، «دۇنياۋىي دىنلار توغرىسىدا» ماۋزۇلۇق كىتابى ئۈستىدە ئىشلەۋاتىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 ‹‹تىل ۋە تەرجىمە›› ژۇرنىلىنىڭ 2007 – يىلللىق 4 – سانىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ياخشىكەن
(8)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس