ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئىز تورى www.iz.la
ئۇيغۇر خەلىقى ئۆزىنىڭ بىر قانچە مىڭ يىللىق تارىخىدا پارلاق ، ئېسىل مەدەنىي مىراسلىرى بىلەن دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە بەلگىلىك تۆھپىلەرنى قوشقان .
ئىز تورى بەك ياخشى
بۇ مەدەنىي مىراسلار ھازىرقى كۈنگە قەدەر تۈگىمەس خەزىنە بولۇپ ساقلىنىپ كەلمەكتە . جۈملىدىن ئون ئىككى مۇقام ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك تارىخي مىراسى بولۇپ ، ئۇ خەلىق ئىچىگە كەڭ تارقالغان جانلىق مۇزىكا بايلىقى . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئون ئىككى مۇقام خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇزىكا شەكلىنى ئاساس قىلغان ھالدا بارىلىققا كەلگەن بولۇپ ، ئەمەلىي تۇرمۇشتا كىشىلەر تەرىپىدىن توقۇلغان سان _ ساناقسىز داستانلار ۋە خەلىق ناخشىللىرى ، مۇقام مۇزىكىللىرىغا سېلىنىپ چېلىنىپ كېلىۋاتماقتا . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
قەشقەر ھېيىتگاھ جامە پەشتىقىدا ھەر يىلى بىر قانچە قېتىملاپ چېلىنىۋاتقان ناغرا بىلەن سۇناي مۇزىكىچىلىقىمۇ ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىچىلىقى ئەنئەنىسىنىڭ بىر تۈرىدۇر ، ئۇنى باشقا مۇزىكا ئەسۋابلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . چۈنكى ، مۇقاملارنىڭ ساقلىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا ناغرا بىلەن سۇناي ، قالغان چالغۇ قۇراللىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن .
قەشقەردە ئۆتكەن ناغرا چىلىش ئۇستىسى روزەكباشى بىلەن ئەمەت ئاكام سۇنايچى ئەنە شۇ رولچىلاردىن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ چالغان پەدىللىرىمۇ ئوم ئىككى مۇقام تېكىسىتلىرى ئاساسىدا رەتلەنگەن . بۇنىڭدىكى ئالاھىدىلىك ، ناغرا بىلەن سۇنايدا چېلىنغان پەدىلەر ئون ئىككى مۇقام ئاھاڭلىرىنى روشەن ئەكىس ئەتتۈرىدۇ ، خۇشاللىق ، تەنتەنە ، ئۈمۈد - ئارزۇ ، دەرد - ھەسرەتلەر پۈتكۈل كۈيدە نامايان قىلدۇرۇلىدۇ .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق مۇزىكىسى << ئون ئىككى مۇقام >> نىڭ ۋارىسى ۋە ئۇيغۇر مىللىي سەنئەتكارلىرىدىن بىرى بولغان روزىكام 1872 - يىللىرى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يىڭشەھەر ناھىيەسى تازغۇن يىزىسىدا كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ، دادىسى ئۇنى قەشقەر شەھرىگە ئەكېلىش بىلەن بۇ يەردە يەرلىكلىشىپ قالغان .
روزىكام گەرچە ساۋاتسىز ئائىلىدە ئۆسكەن ۋە چوڭ بولغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدۇدىكى زېرەكلىك ۋە تالانت ئۇنى قالاق قىلىپ قويمىغان ، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىڭىلىقىنى تېز قوبۇل قېلدىغان ئادىتى ، ئۆزىگە خاس بىر خىل تۇيغۇ بىلەن چوڭ قىلغان ، ياشىغان مۇھىيتى ۋە تۇرمۇش شارائىتى ئۇنى ئنسانپەرۋەر قىلىپ يېتىشتۈرگەن . ئۇنىڭ ئادەمگەرچىلىك ئەخلاقى ، يىتىم - يىسىرلەرگە قىلىپ كەلگەن خەيىرخاھلىق ، زوراۋانلاردىن قورقىماس يۈرىكى ، ۋەتىنىنى سۆيۈش روھى ، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە چوڭقۇر جەلپ قىلدىغان ناخشا ۋە مۇزىكىللىرى . . . ئۇنىڭدىكى يۈكسەك پەزىلەتلەرنىڭ نەمۇنىلىلىرىدىندۇر .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
جاراڭلايدۇ جۈپ ناغرا ، روزىكامنىڭ قولىدا ،
چىن دىل بىلەن ئىشلىگەچ ئۇ ۋەتەننىڭ يولىدا . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ناغرا چالسا ئاسماندا گۈمبۈرلەيدۇ ئاۋازى ، www.iz.la
تەڭكەش بولۇپ ئۆرلەيدۇ ساماچىلار پەرۋازى .
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
روزىكام ئۆزى ئۇستا بوم راۋابى سايرايدۇ ،
ئوقۇغاندا ناخشىنى ھەممە زوقتا ئاڭلايدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ مىسرالار روزىكام ھەققىدە ئەينى چاغدا ئېيتىلغان قوشاقلار بولۇپ ، ئۇنىڭ خەلقىمىزنىڭ سەنئەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىزدىنىپ ، جاپا چىكىپ ، ساپ قان - تەرلىرىن ى سەرىپ ئىتىپ بۇ ساھەدە پايدىلىق روللارنى ئوينىغانلىقىنىڭ ئېنىق گۇۋاھچىسىدۇر .
copyright by www.iz.la
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مەنبە ......... قەشقەر تەركىزىسىدىن تەرمىلەر ناملىق كىتابدىن ئېلىندى . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
www.iz.la
