app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

لى كېچياڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

ۋاقتى:2013-04-18 12:13مەنبە: يوللىغۇچى:كامىلە چېكىلىشى:قىتىم

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ تۆنۈگۈن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، 1-پەسىلدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.
يىغىندا مۇنداق دەپ ھىسابلاندى: 1-پەسىلدە خەلق ئىگىلىكى مۇقىم ھەرىكەتلەندى، ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى، شەھەر بازارلاردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر مۇقىم دائىرىدە ئىچىدە بولدى، ئەمما دۇچ كېلىۋاتقان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتى مۇھىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرىۋاتقان زىددىيەتلەر ئۈزلۈكسىز رۇشەن بولماقتا. تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزلەپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىسادىي خىزمەتلەردىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش لازىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ماكرولۇق ئىگلىك سىياسىتىنىڭ دائىملىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، مۇقىم ئېشىش، پۇل پاخاللىشىشنى كونترول قىلىش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسلاھاتتىن تېخىمۇ كۆپ پايدا يەتكۈزۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دەرىجىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

www.iz.la

يىغىندا كېيىنكى باسقۇچتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشۇرۇلدى. بىرىنچى، مەملىكەت ئىچىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىھتىياجى پائال كېڭەيتىلدى. ئۇچۇر ئىستىمالى، داۋالاش، ياشانغاندا كۈتىنىش، مەدەنىيەت قاتارلىق يېڭى ئىستىمال نۇقتىسىنى ئېچىش ۋە يېتىشتۈرۈش، ئىستىمالنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچلۈك رولىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، يېزا ئىگىلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، يېزا ئىگىلىكىگە مەدەت بېرىدىغان مەبلەغنى تېزراق ئاجرىتىش، يېتەرلىك سوممىنى نەقلەشتۈرۈش، يازلىق ئاشلىق، ماي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، نامراتلارنى يۆلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تۇتاشما ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ باقمىچىلىق ۋە تېرىقچىلىققا بولغان زەربىسىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، خەلق تۇرمۇشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش. ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق نۇقتىلىق ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش. ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردىمى بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئادەمگە يۇقىدىغان H7N9 تىپلىق تارقىلىشچان قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. تۆتىنچى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئەل ئارا مەبلەغ سېلىش ۋە جەمىيەتتە ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىش. ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ۋە خەلق پۇلى كاپىتالى تۈرى ئىچىدە ئالماشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، يەرلىكنىڭ ھۆكۈمەت قەرزى، ئىناۋەتلىك قەرز قاتارلىق جەھەرلەردە ساقلىنىۋاتقان خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش. بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. copyright by www.iz.la

مەنبە . جۇڭگۈ ئۇيغۇر رادىيۇ تورى

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس