بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يۈشۇدا يۈز بەرگەن 14-ئاپرېل يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنى يىتىپ كېلىش ھارپىسىدا، چېڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر ساھەلەر ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق خاتىرىلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قازا قىلغانلارغا ماتەم بىلدۈرگەن. 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، يېڭىدىن سېلىنغان يۈشۇ ئوبلاستى 1-ئاۋغۇست كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدە، پۈتۈن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تەزىيە بىلدۈرۈش-بەخت تىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 14-ئاپرېل يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئۈچ يىللىقىنى خاتىرىلىدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ بو فوتوسى)
2013-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، يۈشۇدا يۈز بەرگەن 14-ئاپىرېل يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئۈچ يىللىق خاتىرە كۈنى ھارپىسىدا، خەلق تورى مۇخبىرى جيېگۇ بازىرىغا بېرىپ، قايتا قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
