كىرىم مەنبەسى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ياپونىيە سېنكاكۇ ئارىلىغا كىرگەن جۇڭگو ئايروپىلانىغا نۇر بومبىسى ئاتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ۋاقتى:2013-01-16 10:15مەنبە:www.okyan.com يوللىغۇچى:ئايگۈل چېكىلىشى:قىتىم

\ بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

يەر شارى تورىنىڭ 15-يانۋار خەۋىرى: ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى ئىتسۇنورى ئونودېرا 1-ئاينىڭ 15-كۈنى سۆز قىلىپ، ئەگەر جۇڭگو ئايروپىلان سېنكاكۇ ئاراللىرى ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرسە ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈنۈمسىز بولسا، ياپونىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ جۇڭگو ئايروپىلانىغا نۇر بومبىسى (light tracer) ئېتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە بولىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېنىق بىلدۈرگەن.
ياپونىيە ئاساخى ئاخباراتلىرىنىڭ 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتسۇنورى ئونودېرا شىياڭگاڭ مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر جۇڭگو ئايروپىلانى سېنكاكۇ ئاراللىرى ئەتراپىدىكى ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرسە، ياپونىيە خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدىكەن، جۇڭگو ئايروپىلانىغا سىمسىز سىگنال بەرگەندىن كېيىن، ئەگەر قارشى تەرەپ ئاگاھلاندۇرۇشنى ئاڭلىمىسا، ياپونىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى يالتىراق بومبا ئېتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىكەن.
جۇڭگو ئايروپىلانىغا قارىتا بومبا ئېتىپ ئاگاھلاندۇرۇش تەدبىرى قوللىنىدىغان قوللانمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئىتسۇنو مەيلى قايسى دۆلەتنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغاندا، ھەممىسىنىڭ ئوخشاش تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
(نەپرەت)
ياخشىكەن
(4)
80%
ئالقىشلايمەن
(1)
20%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس