
مىسىر پرېزىدېنتى مۇھەممەد مورسى ئېھتىمال دۆلەت ئىچى سىياسىيسىدا قاتمۇ-قات قورشاۋدا قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما 2012-يىلى 11-ئايدا ئىسرائىلىيە بىلەن خاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكتىن، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئۆزىنىڭ دېپلوماتىيە شۆھرىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋالدى. ئەمەلىيەتتە، 2012-يىلى ئاخىرلىشاي دېگەندە، مىسىر رايونلۇق دېپلوماتىيە ئىشلىرىدىكى يادرولۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالدى. 2013-يىلدىكى ھەممىدىن مۇھىم مەسىلە مۇھەممەد مورسىنىڭ غەززەدە داۋاملىق نۇرلىنىش نۇرلانماسلىقى، يەنە باشقا بىر مۇھىم دېپلوماتىيە قىيىنچىلىقى: 30 يىلدىن ئاشقان ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەمدە ئىران بىلەن مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن قۇرۇشتۇر. copyright by www.iz.la
دەسلەپتە، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى سابىق پرېزىدېنت ھۆسنى مۇبارەكنى ئاغدۇرۇۋېتىشتىكى كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن تەختكە چىقىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ئىران بىلەن دېپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى قايتا قۇرۇش ئۈمىدى ياندى. ئەمما گەرچە ئورتاق ئىدىيىۋى پىرىنسىپ ھازىرلىغان بولسىمۇ، چوڭ سىياسىي توسالغۇ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە داۋاملىق توسقۇنلۇق قىلماقتا.
ئايەتۇللاھ ھامىنىي ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن تەختكە چىقتى ھەمدە مىسىر ئىسرائىلىيەنى رەسىمىي ئىتراپ قىلغانلىقتىن 1980-يىلى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى. مىسىرنىڭ ئەينى چاغدىكى پرېزىدېنتى ئەنۋەر سادات چەتئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ئىران پادىشاھىنى مىسىردا ئولتۇراقلىشىشقا رۇخسەت قىلدى ھەمدە 8 يىللىق ئىراق-ئىران ئۇرۇشىدا ئىراقنى قوللىدى. پادىشاھ ئۆلگەندىن كېيىن قاھىرەدىكى بىر مەسچىتكە دەپنە قىلدى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
2011-يىلى مۇبارەك تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئىران ئايەتۇللاھسى ھامىنىي ئىسلام ھۆكۈمرانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئىككى دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆز ئارا زىيارەت قىلىشقا باشلىدى. ھامىنىيغا نىسبەتەن "ئەرەب باھارى" بىلەن "ئىسلام ئويغىنىشى" ئەمەلىيەتتە بىر ئىش.
ئىران ۋە مىسىرنىڭ مۇسۇلمان مۇرىتلىرى ئېدىئولوگىيە ساھەسىدە ئىزچىل قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدى. ئۇلار ئوخشاشلا ئىسرائىلىيەگە قارشى كۈچلۈك كەيپىياتىنى ئىپادىلىدى، پەلەستىن ئىچكى نىزاسىدا خاماسنى قوللاپ، دەھرىيلىكنى يولغا قويغۇچى فاتاخقا قارشى تۇردى. ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا ئىسلام شەرىئىتى بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ، ئوخشاشلا غەرب مەدىنىيىتىنى تەھدىت دەپ قارايدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىران مىسىر ئىسلام ھۆكۈمىتى بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسرائىلىيەگە قارشى ئىتتىپاقنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشتى. ئىران بىلەن مىسىرنىڭ خام نېفىت سېتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرىگە ياردىمى بولىدۇ. ئەمما گەرچە ئىران نېفىت مىنىستىرى رۇستەم قەسەمى 2012-يىلى 10-ئايدا سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا بىلدۈرگەن بولسىمۇ، مىسىر نېفىت ۋە كان بايلىقى مىنىستىرى ئوساما كامال كېلىشىم ئىمزالىغانلىقىنى تېزلا ئىنكار قىلدى.
ئىقتىسادىي ئامىلدىن سىرت، ھامىنىي بىلەن مىسىرنىڭ يەنە مۇھەببەت رىشتىسى بار. ھامىنىي مىسىرچە قۇرئان قىرائەت قىلىشنى مەخسۇس ئۆگەنگەن، ھەر يىلى رامزاندا ئۆيىگە مىسىر ۋە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىدىن كەلگەن قۇرئان قىرائەت قىلغۇچىلارنى چاقىرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ كۆز قارىشى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ مىسىرلىق نەزىرىيىچىسى سەئىد قۇتۇبنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئىنقىلاب پارتىلاشتىن ئىلگىرى، ھامىنىي سەئىد قۇتۇبنىڭ ئۈچ پارچە داڭلىق ئەسىرىنى پارس تىلىغا تەرجىمە قىلغان.
ئىز تورى بەك ياخشى

گەرچە ئېدىئولوگىيە ساھەسىدە كۆپ ئوخشىسىمۇ، ئەمما سىياسىي ئىختىلاپ يارىشىش ئېھتىماللىقىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەپ قويدى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئۆزىنى ھازىرقى زامان سىياسىي ئىسلامنىڭ قورغىنى دەپ ئاتايدۇ ھەمدە بارلىق ئىسلام گۇرۇھلىرى ۋە دۆلەتلىرىدە رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. ھامىنىي ئۆزىنى "ئىسلام دۇنياسىنىڭ داھىيسى" دەپ ئاتايدۇ ئىرانغا "ئۈممە ئەل قورا" دەپ نام بەردى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇنىڭدىن سىرت، سۈننىي مەزھىپى ۋە شىئە مەزھىپىنىڭ ئىختىلاپى ئېھتىمال مىسىر بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئىراننىڭ شىئە مەزھىپى ھاكىمىيىتىگە سېلىشتۇرغاندا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتار، ھەتتا تۈركىيە قاتارلىق سۈننىي مەزھىپىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا. ئىران شىئە ھاكىمىيىتى ئىنقىلاب ئېكىسپورت قىلىش ھەمدە شىئە مەزھىپىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇشقا قۇترىتىپ سۈننىي مەزھىپىدىكى ھاكىمىيەتلەرگە تەھدىت سالدى.
ئەمەلىيەتتە مۇبارەك تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن، مىسىرنىڭ ئاممىۋى ساھەسىدە شىئە مەزھىپىگە قارشى بىر مەيدان تەشۋىقات ھۇجۇمى باشلاندى، قاھىرە كىتابخانىلىرىنىڭ جاھازىلىرىدىن شىئە مەزھىپىنىڭ ئىسلامنىڭ ھەقىقىي ئەقىدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلەيدىغان كىتابلارنى ھەر ۋاقىت تاپقىلى بولىدۇ. ئەمما بۇ ھەرىكەت چوڭ جەھەتتىن مىسىرنىڭ سۈننىي مەزھىپى ئىتتىپاقداشلىرى، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى دېڭىز قولتۇقى پادىشاھلىق دۆلەتلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، ئەمما سۈكۈتتە تۇرغان ھەمدە ساناقلىقلا مىسىر شىئە مۇسۇلمانلىرىغا ھېچقانداق ھەقىقىي تەھدىت پەيدا قىلمىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شىئە مەزھىپى دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىدە دېموكراتىك ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلىپ، سۈننىي مەزھىپىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن خىرىس قىلدى. ئەمما يۇقىرىقى ھۆكۈمەتلەر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىران كۈشكۈرتتى، دۆلەت ئىچىدىكى نارازى كەيپىياتنى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىپادىلىشى ئەمەس دەپ قارىدى. ئۇلارغا نىسبەتەن، ئەرەبلەر ۋە ئىرانلىقلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش ماھىيەتتە سۈننىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ كۈرۈشىدۇر.
كېيىن، يۇقىرىقى دۆلەتلەر شىئە مەزھىپىگە قارشى سۆزلەرنى مىسىر قاتارلىق سۈننىي-شىئە توقۇنۇشى بولمىغان دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلدى. ئەمەلىيەتتە، قاھىرەدىكى كۆپلىگەن ۋەكىللىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرى شىئە مەزھىپىنىڭ فاتىمىد خانلىقى دەۋرىدە ياسالغان. 2011-يىلى ئىنقىلاب پارتىلاشتىن ئىلگىرى، مىسىر ئەرەب دۇنياسىدا شىئە مەزھىپىگە ئەڭ دوستانە مۇئامىلە قىلىدىغان سۈننىي مەزھىپى دۆلىتى دەپ قارىلاتتى. ئەمما مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى مالىيە جەھەتتە يەنىلا دېڭىز قولتۇقى پادىشاھلىق دۆلەتلىرىگە تايىنىدۇ، دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى بولسا مىسىرنى شىئە مەزھىپىگە قارشى، ئىرانغا قارشى سىياسىتىنىڭ بازىسى قىلماقچى.