ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شىنخۇا تورىنىڭ 22-دېكابر خەۋىرى: ب د ت كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى دەلىللىشىچە، ب د ت نىڭ جەنۇبىي سۇداندا تۇرۇشلۇق تىنچلىق ساقلاش قىسىمىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى جەنۇبىي سۇداننىڭ شەرقىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن، ئايروپىلاندىكى 4 نەپەر خادىم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
باياناتچى نيۇيوركتىكى ب د ت باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا دېيىشىچە، ب د ت نىڭ جەنۇبىي سۇدان جۇمھۇرىيىتىگە ئالاھىدە ئەۋەتكەن قىسىمىنىڭ بىر MI-8 تىك ئۇچار ئايروپىلانى 21-دېكابر جەنۇبىي سۇداننىڭ شەرقىدىكى جوڭلېي (JONGLEI) شتاتىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن، ئايروپىلاندىكى 4 نەپەر خادىمنىڭ ھەممىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان. باياناتچىنىڭ دېيىشىچە، جەنۇبىي سۇدان ئارمىيىسى جەنۇبىي سۇداندىكى ب ت ت قىسىمىغا ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما جەنۇبىي سۇداننىڭ ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن.
روسىيەنىڭ جەنۇبىي سۇداندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئاشكارىلىشىچە، تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ھەممىسى روسىيەدىن ئىكەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ب د ت ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئايروپىلان ئاق سىردا سىرلانغان بولۇپ، ب د ت نىڭ ئايروپىلانى ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدىكەن، ئۇچۇش يولىمۇ ئالدىن جەنۇبىي سۇداننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىنغان. روسىيە ئىلگىرى يەرلىكتە زوراۋانلىق توقۇنۇشى كەسكىنلەشكەنلىكتىن، جەنۇبىي سۇداندىن ب د ت دا خىزمەت قىلىدىغان خادىملىرىنى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمۇ 12-ئاينىڭ 21-كۈنى باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ جەنۇبى سۇداندىكى تىنچلىق ساقلاش قىسىمىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى جەنۇبىي سۇدان ئارمىيىسىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
بان كىمۇن باياناتىدا ب د ت غا ۋاكالىتەن 4 نەپەر ئايروپىلان خادىمىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە روسىيە ھۆكۈمىتىگە سەمىمىي ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بان كىمۇن جەنۇبىي سۇدان ھۆكۈمىتىدىن بۇ ۋەقەنى تېزدىن تەكشۈرۈپ، ۋەقەنىڭ مەسئوللىرىنى سوراق قىلىشىنى ھەمدە تېزلىكتە تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئەمدى يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
(نەپرەت)
