جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ 12-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 12-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ دېجياڭ يىغىن ئەھلى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 12-دېكابىر تېلېگراممىسى: جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ 12-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 12-دېكابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ دېجياڭ يىغىن ئەھلى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى قۇرۇلغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە تىرىشىپ، مىللىي مۇستەقىللىق ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار كۈرىشىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدە قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغۋار ئەمەلىيىتىدە يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئۇ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي رەھبەرلىك ئاپپاراتىنىڭ چوقۇم ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سىياسىي كېڭىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەزالارنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشقا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا چىڭ تۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، فونكىسىيەلىك ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يىپيېڭى ۋەزىيەت يارىتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئىز تورى بەك ياخشى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ما كەي، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ گاڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ يوڭشياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لىڭ جىخۇا، شۇنداقلا گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې لۇلى قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى 12-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى ۋۇۋېي ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئىز تورى بەك ياخشى
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ھەمدە قاراپ چىقىلىدۇ، ‹‹جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)››غا قاراپ چىقىلىدۇ، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ 12-قېتىملىق مەركىزىي كومىتېتى سايلاپ چىقىلىدۇ.
