app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

جۇڭگو -راسىيە تاشقى سودا سوممىسىدا يېڭى يۇقىرى پەللە يارىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن

ۋاقتى:2012-12-07 12:37مەنبە:www.hawar.cn يوللىغۇچى:ئايگۈل چېكىلىشى:قىتىم

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلېگراممىسى . جۇڭگو سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جۇڭشەن 5-دېكابىر موسكۋادا ، جۇڭگو بىلەن روسىيە تاشقى سودا ھەمكارلىقنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ، بۇ يىلقى يىللىق قوش تەرەپ تاشقى سودا سوممىسىدا يېڭى يۇقىرى پەللە يارىتىلىدىغانلىقىدا ئۈمىد بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان .

www.iz.la

جۇڭگو -روسىيە زۇڭلىلىرى قەرەللىك كۆرۈشۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ كاتىبى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، جۇڭشەن شۇ كۈنى بۇ كومىتېتنىڭ 16-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشقان . ئۇنىڭ روسىيەدە تۇرۇشلۇق جۇڭگو ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا دېيىشىچە ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 10 ئېيىدا ، جۇڭگو -روسىيە سودا سوممىسى 73 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 13.4 ئاشقان . نۆۋەتتە جۇڭگو روسىيەنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلانغان ، روسىيە بولسا جۇڭگونىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكى ئىكەن . ئىككى دۆلەتنىڭ مەبلەغ ۋە ئىقتىسادىي تېخنىكا ھەمكارلىق كۆلىمى كۈندىن -كۈنگە كېڭىيىۋاتقان بولۇپ ، ئۆز-ئارا قولغا كەلتۈرۈلگەن مەبلەغ سوممىسى ئاللىقاچان 4 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن .

ئىز تورى www.iz.la

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس