app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ئايروپىلاندا بومبا بار دەپ ۋەھىمە پەيدا قىلغان يولۇچى قولغا ئېلىندى

ۋاقتى:2013-01-02 17:22مەنبە:www.hawar.cn يوللىغۇچى:ئايگۈل چېكىلىشى:قىتىم

گۇاڭجۇ بەييۈن ئايروپورتى ج خ ئىدارىسى 1-دېكابىر مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 2012-يىلى 31-دېكابىر كۈنى كەچتە، مەزكۇر ئايروپورتتىكى ئايروپىلانغا كېچىكىپ قالغان بىر يولۇچى، ئۆزى ئولتۇرماقچى بولغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەپ يالغاندىن مەلۇمات بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ساختا تېرورلۇق ئۇچۇرى ئويدۇرۇش جىنايىتى بىلەن، ئايروپورت ساقچىلىرى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە قولغا ئېلىنغان. ئىز تورى بەك ياخشى

  www.iz.la

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

2012-يىلى 31-دېكابىر سائەت 13دىن 40مىنۇت ئۆتكەندە، بەييۈن ئايروپورتى ج خ ئىدارىسى بىر يولۇچىنىڭ گۇاڭجۇدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچقان HU7153 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاندا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان دېگەن مەلۇماتنى قوبۇل قىلغان. مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، بەييۈن ئايروپورتى ج خ ئىدارىسى دەرھال جىددى ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قوزغاتقان، ھەمدە نۆۋەتچى ئايروپىلاندا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەپ ساختا مەلۇمات بەرگەن ۋاڭ فامىللىك يولۇچىنى كونترول قىلغان. سوراق قىلىش ئارقىلىق، ۋاڭ فامىللىك ئايروپورتقا كېلىش يولىدا ماشىنا قىستاڭچىلىقىغا ئۇچراپ ئايروپىلانغا كېچىكىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، خەينەن ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپورتتىكى دىجورنىلىك سۇپىسىغا تېلېفون ئۇرۇپ ئەھۋالىنى ئېيتقان، دىجورنىلىك سۇپىسى ئۇنىڭغا ئامال يوق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىنى چىقارماقچى بولغان ۋاڭ فامىللىك دىجورنى سۇپىسىغا تېلېفون قىلىپ نۆۋەتچى ئايروپىلاندا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان دەپ يالغاندىن مەلۇمات يوللاپ، ۋەھىمە پەيدا قىلغان. قايتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ۋە ج خ ئورگانلىرىنىڭ پۇختا رازۋدكا قىلىش نەتىجىسىدە، ئايروپىلاندا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېھتىماللىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان.

ئىز تورى بەك ياخشى

ۋاڭ فامىللىك يولۇچىنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار جازا قانۇنى»نىڭ 291-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، تېرورلۇق ئۇچۇرىنى ساختا ئويدۇرۇش جىنايىتىگە چېتىلىپ قالغاچقا، ئايروپورت ج خ ئىدارىسى ۋاڭ فامىلىلىكنى جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە قولغا ئالدى. ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ تېتىقسىز شەخسىيەتچىلىكى سەۋەبىدىن مەزكۇر نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلۈپ، يولۇچىلار ۋاقتىدا ئۇچالماي، جەمئىيەت تەرتىپىگە ئېغىر قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى. بۇ ۋەقە تۈپەيلى مەزكۇرمۇ جاجىسىنى يەپ، بۇنىڭ ئۈچۈن زور بەدەل تۆلەيدىغان بولدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس