www.iz.la
شىنخۇا تورى ، ۋيېنتيان ، 5-نويابىر خەۋىرى : گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 5-نويابىر لائۇسنىڭ ۋيېنتياندا 9-نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىنىڭ 1-قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە ‹‹دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئورتاق زىممىمىزگە ئالايلى ! ›› دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئىز تورى www.iz.la
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ئىز تورى www.iz.la
ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى : خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىغان تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ، ئاسىيا-ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر دۆلەت ئىچىدىكى پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى قاراتمىلىق ھالدا ھەل قىلدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەت بويىچە خەلقئارالىق سۆھبەت ۋە ماسلىقنى كۈچەيتىپ ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولدى .
ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان دۆلەت ، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ . قىسقىغىنە ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ئەسلىگە كەلدى ھەمدە مۇقىم ۋە نىسبەتەن تېز تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى . بىز ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ ، ئىمپورت-ئېكسپورتنى تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ ، تاشقى مەبلەغ ۋە سىرتقا قارىتا مەبلەغ سېلىشنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇردۇق . يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادنى تەرتىپكە سېلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ ، ئىقتىسادتا قىيىنچلىققا دۇچ كەلگەن دۆلەتلەرگە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ كەلدۇق . بۇ جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتۇر بولۇپ ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .بىزنىڭ بۇ يىلقى تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىمىز بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە تېخىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تولۇپ-تاشقان ئىشەنچىمىز ، شارائىتىمىز ، ئىقتىدارىمىز بار . ئىز تورى بەك ياخشى
ۋېن جياباۋ نۇتۇقىدا تۆت تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى : تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
بىرىنچى ، ئەركىن ، ئېچىۋېتىلگەن ، ئادىل خەلقئارالىق سودا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىككىنچى ، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى تەڭشەش ئاۋۋالقىدەكلا مۇھىم ۋەزىپە. ئىز تورى www.iz.la
ئۈچىنچى، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش كىرىزىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى ئاساسلىق ۋاسىتە .
تۆتىنچى ، ساغلام يەر شارى ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىش سىستېمىسى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ تۈزۈم كاپالىتى.
ۋېن جياباۋ يەنە ئاسىيا-ياۋروپانىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى ، ئاسىيا-ياۋروپا يىغىنىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش ، ئىككىنچى، ئاسىيا-ياۋروپا سۇ بايلىقى پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق تورى قۇرۇش ، ئۈچىنچى ، ئاسىيا-ياۋروپا ئورمانچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى قانات يايدۇرۇش ، تۆتىنچى ، ئاسىيا-ياۋرۇپا فوندىنىڭ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاسىيا-ياۋروپا يىغىنى 1996-يىلى قۇرۇلغان . ئۇ ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى ھۆكۈمەتلەر ئارا رايون ھالقىغان مۇھاكىمە مۇنبىرى بولۇپ ، سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ، ئاسىيا-ياۋروپانىڭ يېڭى تىپتىكى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلغان . بېنگال ، نورۋېگىيە ، شىۋېيتسارىيە رەسمىي ئەزا بولغاندىن بۇيان ، ئاسىيا-ياۋروپا يىغىنىنىڭ ئەزالىرى 51 گە يەتتى . بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا-ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ‹‹تىنچلىقتىكى قەدىناسلار، گۈللەنگەن ھەمراھلار ›› دىن ئىبارەت .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
