www.iz.la
شەھەر كەچلىك گىزىتى خەۋىرى 2012-يىلى مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدىدا ‹ئاساسىي قاتلامدىكى خەلىق ئاۋازىغا قۇلاق سالايلى› ئالاھىدە راي سىناش پىروگراممىسى ‹بەخىت دىگەن نىمە؟›نى يولغا قويىدى. تۇرمۇشتا ھەممە ئادەمنىڭ بەخىتكە بولغان ئۆلچىمى ئوخشىمايدۇ، ئۇنداقتا بىر شەھەرگە نىسبەتەن بەخىت دىگەن نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟ تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە جوڭگۇ شەھەرلىرى رىقابەت تەتقىقات مەركىزى يىقىندا 27 نۇسخىلىق جۇڭگۇ شەھەرلىرىنىڭ تۈرلەر بويىچە ئالاھىدىلىك جەدۋىلىنى ئىلان قىلدى. ھەممىدىن دىققىتىنى تارتىدىغىنى ‹2012-يىلدىكى جوڭگۇدا ئەڭ بەخىت تۇيغۇسى بار شەھەرلەر تىزىملىكى› ئىدى، چاڭچۈن شەھىرى ئومۇمىي نۇمۇرى 92.48 نەتىجە بىلەن 5-ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئۇدا 5يىل ‹ئەڭ بەخىتلىك شەھەر› دىگەن نام بىلەن باھالانغان.
2012-يىلى جوڭگۇدىكى بەخىتلىك شەھەرلەر : چىڭداۋ، خاڭجۇ، شۈجۇ، چېڭدۇ،چاڭچۈن،نەنجىڭ،خاربىن،يەنتەي،سۇجۇ،چوڭچىڭ قاتارلىقلار بولۇپ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىيجىڭ، شاڭخەيلەر يوق ئىكەن.
خەۋەر مەنبەسى: سوۋخۇ خەۋەرلەر تورى
