app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلدى

ۋاقتى:2012-11-08 10:15مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى:admin چېكىلىشى:قىتىم

  
 

ئىز تورى بەك ياخشى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك  18-قۇرۇلتىيى بۈگۈن (8-نويابىر) چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. خۇ جىنتاۋ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بەردى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن خۇ جىنتاۋ ، جياڭ زېمىن ، ۋۇ باڭگو ، ۋېن جياباۋ ، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، خې گوچياڭ، جوۋ يۇڭكاڭلار يىغىن مەيدانىغا كىرىپ، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئۇرۇن ئالدى.

copyright by www.iz.la

 قۇرۇلتايغا ۋۇ باڭگو رىياسەتچىلىك قىلدى. چۇشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 دا يىغىن باشلانغاندا، ھەيۋەتلىك مۇزىكا ساداسى ئىچىدە پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئېيتتى. ئارقىدىن يىغىنغا قاتناشقان بارلىق يولداشلار ماۋزېدۇڭ، جۇ ئېنلەي، ليۇ شاۋچى، جۇدې، دېڭ شياۋپىڭ، چېن يۈن قاتارلىق مەرھۇم پېشقەدەم پرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. ئىز تورى www.iz.la

ۋۇ باڭگو پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2268 نەپەر، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل 57 بولۇپ، جەمئىي 2325 ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى قۇرۇلتايغا ئەمەلىي قاتناشقان ۋەكىلنىڭ 2309 ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ قۇرۇلتايغا سىرتتىن قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى دوستلار ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى. copyright by www.iz.la

خۇ جىنتاۋ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا << جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىدا تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى>> دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس