ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
شىنخۇا تورى ۋاشىنگىتون 11-ئاينىڭ 4-كۈنى تىلگىراممىسى ئامرىكا ئەلباش(زۇڭتۇڭى) سايلىمىغا 2كۈن قالغان كۈنلەردە كۆپ خىل خەلق رايىنى سىناپ تەكشۈرۈشتىن ئاشكارلىنىشىچە خەلقنىڭ ئەلباش ئوباما بىلەن جومھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى نامزاتى رومنىينى قوللاش نىسبىتى بىر-بىرىدىن پەرىقلەنمەيدىكەن.
دۆلەتلىك رادىئو تىلىۋىزىيە ئىدارىسى ۋە ۋال كوچىسى گىزىتىنىڭ 4-كۈنى ئىلان قىلغان خەلىق رايىنى سىناش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ئوبامانى قوللايدىغانلار 48% بولۇپ، رومىنىينى قوللايدىغانلار 47% بولغان. بۇ راي سىناش پائالىيىتى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە ئىلىپ بىرىلغان، جەمئىي 1475 بىلەت سايلامغا قاتناشقانلار زىيارەت قىلىنغان، خاتالىق نىسبىتى2.55% بولۇپ، سىتاستىكا پەرقىي خاتالىق يول قويۇش دائىرىسىدە بولۇپ، تەڭ دەپ قارالسا بولىدىكەن.
بۇ نەتىجە بىلەن ‹ۋاشىنگىتون پوچتا گىزىتى› ۋە ئامرىكا رادىئو شىركىتىنىڭ بىرلەشمە راي سىناش نەتىجىسى ئوخشاش بولغان. شۇنداقلا ‹سىياسەت گىزىتى› ۋە جورجىي ۋاشىنگىتون ئۇنۋىرىستىتىنىڭ بىرلەشمە راي سىناش نەتىجىسىدىمۇ ئوباما بىلەن رومىنىينى قوللاش نىسبىتى ئوخشاشلا 48%بولغان. بۇ راي سىناش پائالىيتى 10-ئاينىڭ29-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ1-كۈنىگىچە ئىلىپ بىرىلغان. سايلامغا قاتناشقان 1000 ئادەم زىيارەت قىلىنغان.
ئامرىكا خەلقى11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاۋاز بىرىش ئارقىلىق كىيىنكى قارارلىق ئەلباشنى سايلاپ چىقىدۇ.شۇڭا ئاخىرقى باسقۇچتىكى تەۋرەنمە شىتاتلاردا ئوباما بىلەن رومىنىي پۈتۈن زىھىنى ۋە كۈچى بىلەن خەلىقنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. بىر قىسىم مەخسۇس ئەلرايى تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا ئوباما بۇ شىتاتلاردا بىر قەدەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەيدىكەن.
ئىز تورى بەك ياخشى
خەۋەر مەنبەسى : تېڭشۈن خەۋەرلىرى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
