ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

كېنىيە ئارمىيىسى ئەل شاباب تەشكىلاتىنىڭ ئاخىرقى تايانچ نۇقتىسىدا ھۇجۇم قىلدى

2012-يىلى09-ئاينىڭ29-كۈنىمەنبە:نامەلۇم يوللىغۇچى: ئايگۈل
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 28-سىنتەبېر خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كېنىيە ئارمىيىسى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، كېنىيە ئارمىيىسى بىلەن سومالى ئارمىيىسى سومالى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق كۈچ ئەل شاباب تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تا
  

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 28-سىنتەبېر خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كېنىيە ئارمىيىسى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، كېنىيە ئارمىيىسى بىلەن سومالى ئارمىيىسى سومالى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق كۈچ ئەل شاباب تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تايانچ نۇقتىسى، سومالىنىڭ پورت شەھىرى كىسمايو ( Kismayo) غا ھۇجۇم قىلغان. كېنىيە ئارمىيىسى ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە ئەۋەتكەن ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن سومالىدا تىنچلىق ساقلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلماقتا.

كېنىيە ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى دېيىشىچە، بۇ قېتىمقىسى يەر يۈزى ۋە ھاۋادىن قوزغىغان بىرلەشمە ھەرىكەت بولۇپ، قاتتىق قارشىلىققا دۇچ كەلمىگەن، 9-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەردە ئاخىرى كىسمايوغا كىرگەن. كېنىيە ئارمىيىسى ئۆلۈم-يېتىم سانىنى ۋاقتىنچە دەلىللەپ بېرىشكە ئامالسىزلىقىنى، كېنىيە ئارمىيىسىنىڭ كىسمايونى كونترول قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

بىراق، سومالى ئەل شاباب تەشكىلاتىنىڭ بىر كوماندىرى كېنىيە ئارمىيىسىنى كىسمايو رايونىغا كىرگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. بىر قىسىم يەرلىك ئامما ئەل شاباب تەشكىلاتىنىڭ يەنىلا شەھەر مەركىزىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئىگىلىنىشچە، كىسمايو سومالى ئەل شاباب تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تايانچ نۇقتىسى بولۇپ، ئافرىقا ئىتتىپاقى بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ شىددەتلىك زەربىسىدە، كۆپ قىسىم تايانچ نۇقتىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان. كېنىيە ۋە ئېفىئوپىيە ئارمىيىسى ئافرىقا ئىتتىپاقى ئالاھىدە ئەۋەتكەن قىسىملارنىڭ ئەزاسى. كېنىيە ئارمىيىسى كىسمايونى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىشقا ئىزچىل ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن كىسمايو شەھىرىنىڭ ئايروپورتىنى بومباردىمان قىلغان.

(نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
تەۋىسسيەلىك