تەيۋەن «مەركىزى ئاگېنتلىقى» 8-ئاۋغۇست خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئارگېنتىنا ئايال پىرېزىدېنتى كرىستىنا كىرىكنىرنىڭ ئائىلە مۈلكى 70 مىليون ئارگېنتىنا پېسوسىدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ سانلىق قىممەت 9 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئائىلە مۈلكىنىڭ 9 ھەسسىسىگە يەتكەچكە، دۆلەت ئىچىدە غۇلغۇلا قوزغىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
خەۋەرگە ئاساسەن، كرىستىنا كىرىكنىرنىڭ يولدىشى، ئۆلۈپ كەتكەن ئارگىنتىنانىڭ ئىلگىرىكى پىرېزىدېنتى نەستور كارلوس كىرىكنىر ھوقۇق ئىگىلىگەن ۋاقىتتا، مەلۇم قىلغان مۈلكى 7 مىليون 400 مىڭ پېسو ئىدى. كرىستىنا كىرىكنىرنىڭ يېقىندا ئارگېنتىنا خىيانەتچىلىككە قارشى ئىش بېجىرىش ئورنىغا تەمىنلىگەن ماتېرىيالىغا ئاساسەن، 2011-يىلى يىل ئاخىرىدا، كرىستىنا شەخسى مۈلكى 39 مىليون 600 مىڭ پېسوغا يەتكەن، بالىلىرىنىڭ مۈلكىنى قوشقاندا 71 مىليون پېسو بولغان. www.iz.la
2007-يىلى 12-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا، كرىستىنا مەلۇم قىلغان بارلىق بانكىغا قويغان پۇلى بىلەن مۇقىم مۈلۈكنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 17 مىليون پېسو ئىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئارگېنتىنا ئۆكتىچى پارتىيەسى كرىستىنانىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى قىلىپ تۇرۇپ، نېمىشقا ئائىلە مۈلكىنىڭ تۈز سىزىق بويىچە ئاشقانلىقىدىن گۇمانلانغان. www.iz.la
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، كرىستىنا كىرىكنىرنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئىككىنچى باي چىلى پىرېزىدېنتى پىنىرادىنلا كېيىن تۇرىدىكەن، پىنىرانىڭ شەخسى مۈلكى بولسا 2 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىدىكەن.