app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئىقتىساد>

ش ئۇ ئا ر نىڭ چېگرا سىرتىدىكى تۈ...

ۋاقتى:2012-07-27 19:28مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم

 چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل تارقىتىش خەلق پۇلىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈشنى كېڭەيتىش، چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەنبەسىنى كۆپەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل تارقىتىش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش خەلق پۇلىنىڭ قوشنا ئەللەردە ساقلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش، ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن قوشنا ئەللەرنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىشىنى قوللاش، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىساد - سودا ئالاقىنى كۈچەيتىش، ئاپتونوم رايونىمىزنى غەربكە يەنىمۇ ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

2012-يىلى 5 - ئايغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا تارقاتقان قەرز پۇل توختامى 90 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 40 مىليون يۈەنگە يېقىن قەرز پۇل تارقىتىلدى. بۇ پۇللارنى دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان سودا بانكىلىرىنىڭ قەرز پۇل تۈرىگە تارقاتقان بولۇپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان، جۇڭگو - تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسىغا مەبلەغ سېلىش ۋە راسچوت قىلىشقا ئىشلىتىلدى. 2011-يىلى 6 - ئايدا دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى يەنە قازاقىستان بىلەن پۇل تۈرلىرىنى ئارىلاشتۇرۇش مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى. توختام سوممىسى 1 مىليارد يۈەن، قەرەلى 15 يىل بولدى. ئىز تورى بەك ياخشى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل تارقىتىش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەۋاتقان ئامىللار

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

بىرىنچىدىن، بانكىنىڭ قەرز پۇل تارقىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇش سىياسىتى بانكىلارنىڭ كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ئاكتىپلىقىنى چەكلەۋاتىدۇ. باش بانكىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا بېرىلگەن قەرز پۇل شۇ بانكىنىڭ قەرز پۇل ئومۇمىي مىقدارىغا كىرگۈزۈلىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى بازارنىڭ مەبلەغقە بولغان ئېھتىياجى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، بانكىلار تارقاتقان قەرز پۇل دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە چېگرا سىرتىدىكى خەلق پۇلى كەسپى مۇرەككەپ بولغاچقا، چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە قەرز پۇل بېرىشتە بانكىلارنىڭ ئاكتىپلىقى يۇقىرى ئەمەس. ئىككىنچىدىن، قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل بېرىشنى رىقابەت ئەۋزەللىكىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئالاقىدار سىياسەتلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، چېگرا ئىچىدىكى بانكىلار چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل بەرگەندە قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى دۆلەت ئىچىدىكى قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن، قەرز پۇل خېيىم-خەتىرىنى باشقۇرۇش بانكىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل بېرىش كەسپىنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. بانكىلار چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل بېرىش كەسپىنى يولغا قويغاندا، قەرز ئالغۇچى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە رايوننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئامىل. قازاقىستاننى ھېسابلىمىغاندا، باشقا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئىناۋەت دەرىجىسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغاچقا، چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل بېرىش كەسپى خېيىم - خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ. شارائىتنىڭ چەكلىمىسى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچۇرلىرى ماس كەلمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ بانكىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى قەرز ئالغۇچىنىڭ ئىناۋەت ئەھۋالى ۋە قەرز پۇل قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا باھا بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ ۋە بانكىلارنىڭ قەرز پۇل خىيىم - خەتىرىنى باشقۇرۇشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. تۆتىنچىدىن، خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى چېگرا سىرتىدىكى قەرز ئالغۇچىلارنىڭ قەرز قايتۇرۇش تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

تەدبىر ۋە تەكلىپ copyright by www.iz.la

بىرىنچىدىن، چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل بېرىشنى بانكىنىڭ قەرز پۇل ئومۇمىي مىقدارىنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزمەسلىك كېرەك. چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە بېرىلگەن خەلق پۇلى ھېسابىدىكى قەرز پۇل مەبلىغى چېگرا سىرتىغا تارقىتىلغانلىقى ئۈچۈن، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ تەسىرىگە ئاز ئۇچرايدۇ. شۇڭا چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل بېرىش كەسپىنى ئايرىم باشقۇرۇپ، بانكىلار تارقاتقان چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا بەرگەن قەرز پۇللارنى بانكىلارنىڭ قەرز پۇل ئومۇمىي مىقدارىغا كىرگۈزمەي، كۆلەمنى تىزگىنلەشنىڭ بانكىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل بېرىش كەسپىگە كەلتۈرىدىغان پايدىسىز تەسىرىنى تۈگىتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، چېگرا ئىچىدىكى بانكىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل بېرىش كەسپىدە ئۆسۈم نورمىسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كېرەك. نۆۋەتتە خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، چېگرا ئىچىدىكى بانكىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل بېرىش كەسپىدە ئۆسۈم نورمىسىنى بازارلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل بېرىشنى قەرز پۇل بەرگۈچى تەرەپ بىلەن قەرز پۇل ئالغۇچى تەرەپ ئۆز ئالدىغا بېكىتىپ، چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل بېرىشتە ئۆسۈم نىسبىتى جەھەتتىكى رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق بانكا ۋە چېگرا سىرتىدىكى مۇئامىلىدارلارنىڭ قەرز پۇل كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا بېرىلگەن قەرز پۇلنىڭ خېيىم - خەتىرىدىن ساقلىنىش كېرەك. بانكىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل بېرىش كەسپىدە خېيىم - خەتەرنى باشقۇرۇش قىيىن بولۇشتەك مەسىلىلەرگە قارىتا، چېگرا ئىچىدىكى بانكىلار چېگرا سىرتىدىكى بانكىلارغا بېرىلىدىغان خەلق پۇلى ھېسابىدىكى قەرز پۇلنى چېگرا سىرتىدىكى بانكىلار چېگرا ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قەرز پۇل ئالغۇچىغا ئاغدۇرۇپ بېرىشنى يولغا قۇيۇپ، چېگرا ئىچىدىكى بانكىلارنىڭ قەرز پۇل خېيىم - خەتىرىنى ۋە باھالاش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، كىرېدىت مەبلىغىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. چېگرا سىرتىدا خەلق پۇلى ھېسابىدىكى مەبلەغلەرنى يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئىناۋەت خېيىم - خەتىرىنى باھالىشىنى قوللايدىغان ئورگان قۇرۇپ، خەلق پۇلى تويۇندى مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بانكىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز بېرىش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش داۋامىدىكى كىرېدىت خېيىم - خەتىرى ۋە چېگرا سىرتىدىكى قەرز ئالغۇچىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى خېيىم - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، چېگرا سىرتىدىكى بانكىلارنىڭ چېگرادا خەلق پۇلى قەرز كەسپىنى يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىش كېرەك. چېگرادىكى خەلق پۇلى قەرز پۇل كەسپىدىكى مەبلەغنىڭ ئىككى بېشى سىرتتا بولغاچقا، ئېلىمىزنىڭ ئىچكى پۇل مۇئامىلە بازىرىغا زەربە ئېلىپ كەلمەيدۇ، چېگرا سىرتىدىكى خەلق پۇلى مەبلىغىنىڭ تەقسىملىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرادىكى خەلق پۇلى مەبلىغىنى باشقا ئەللەر ۋە رايونلارغا ئېقىشقا يېتەكلەپ، مەبلەغنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق يۆتكىلىشىنى تېزلىتىپ، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارالىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بەشىنچىدىن، چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلىنى باشقۇرۇشقا دائىر ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خەلق پۇلى ھېسابىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى بانكىلارنىڭ خەلق پۇلى ھېسابىدا قۇرۇلغان چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە بېرىلىدىغان قەرز پۇل مەبلىغىگە قەرەللىك ئۆسۈم نىسبىتى بۇيىچە ئۆسۈم ھېسابلاپ، چېگرا سىرتىدىكى قەرز پۇل ئالغۇچىلارنىڭ ئۆسۈم پەرقى زىيىنىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. چېگرا ئىچىدىكى پايچىكلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تارماق شىركەتلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل بېرىش كەسپىنى قۇيۇۋېتىپ، چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل بېرىش كەسپىنىڭ تەرەققىيات يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. چېگرا ئىچىدىكى پايچىلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تارماق شىركەتلەرنى خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىشىگە سىياسەت جەھەتتىن رۇخسەت قىلىپ، چېگرا سىرتىدىكى تۈرلەرگە خەلق پۇلى ھېسابىدا قەرز پۇل بېرىش كەسپىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خەلق پۇلىنى چېگرا سىرتىغا چىقىرىش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك. www.iz.la


www.iz.la

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس