app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئىقتىساد>

ئىنسانلار زادى قانچىلىك ئالتۇن كولاپ چىققان؟

ۋاقتى:2012-07-28 18:07مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئىنسانلارنىڭ ئالتۇننىڭ قىممىتىنى بايقىغاندىن بۇيان، زادى قانچىلىك ئالتۇن كولاپ چىققانلىقىنى بىلەمسىز؟ ھازىرغا قەدەر مۆلچەرلەنگەن ساندىن قارىغاندا، ئىنسانلار جەمئىي 150مىڭ توننا ئالتۇن قىزىپ چىققان، نۆۋەتتە، بۇ 150مىڭ توننا ئالتۇننىڭ تەخمىنەن %40ى ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان پۇل-مۇئامىلە خاراكتېرىدىكى ئالتۇن زاپىسى ئىكەن، ئومۇمىي مىقدارى 60مىڭ توننا ئەتراپىدا ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى 30مىڭ توننا ئالتۇن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيە خاراكتېرىدىكى زاپىسى بولۇپ، يەنە 20 توننا ئالتۇننى خەلقئارادىكى شەخسىيلەر ۋە ئەلئارا كارخانىلار ئەلئارا پۇل-مۇئامىلە ئالتۇن زاپىسى ئورنىدا قولىدا ساقلىماقتا، ئەمدى ئېشىپ قالغان %60 ئادەتتىكى تاۋار سۈپىتىدە بازارغا كىرگەن، يەنى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى، تارىخىي بۇيۇملار قاتارلىقلار. قىنى تۆۋەندە دۇنيادا ئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ رەت تەرتىپىگە قاراپ باقايلى: ئىز تورى بەك ياخشى

ئۆتكەن يىللىق سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئامېرىكا دۇنيادا ئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، 8133.5 توننا ئالتۇن زاپىسىغا ئىگە، يەنى ئالتۇننىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %74.7 كە يەتكەن. ئۇنىڭدىن قالسا گېرمانىيەنىڭ ئالتۇن زاپىسى 3406توننا، خەلقئارا پۇل فۇندى تەشكىلاتىنىڭ ئالتۇن زاپىسى 3-ئورۇندا تۇرىدۇ، يەنى 2966توننا، 4-ئىتالىيە 2451توننا، 5-فىرانسىيە 2435 توننا.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئېلىمىزنىڭ ئالتۇن زاپىسى 1054.1توننىغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە 6-ئورۇنغا ئۆتكەن، ئالتۇننىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %1.6 بولغان.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا قارىتا تومسون رېتىر GFMS ئالتۇن-كانچىلىق مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ تەھلىلچىسى كىلاپۋىك مۇنداق دېدى: مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجى 900 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، دۇنيا بازىرىنىڭ %20ىنى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگو ئالتۇن بازىرىنىڭ دۇنياغا بولغان مۇھىملىقىدىن گۇمانلىنىش ھاجەتسىز، دېدى.
ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس