app دېتالى
ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئىقتىساد>

پۇل، مۈلۈك ۋە پاي چېكى

ۋاقتى:2012-07-19 20:20مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم

 

پۇل تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولغان، تاۋار ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىنسانلار ياراتقان ئەڭ مۇھىم ئىختىرالارنىڭ بىرىدۇر. مۈلۈك دەرھال پۇلغا ئايلىنىش شەرتىنى ھازىرلىغان مەلۇم شەخس ياكى ئىقتىسادىي گەۋدىگە تەۋە بولغان شەكىللىك ۋە شەكىلسىز بايلىقتىن ئىبارەت. پاي چېكى پاي ھەسسىدارلىق ئىگىلىكى ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە مەبلەغ جۇغلاش ئۈچۈن تارقاتقان ھەقدارلىقنىڭ ئىسپاتى قىلىنىدىغان قىممەتكە ئىگە ئاكسىيە. ئىز تورى بەك ياخشى

جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلار ئىستېمال قىلىدىغان تاۋارلارنىڭ تۈرى ۋە سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ. تاۋارلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئوبوروت ۋاسىتىسى بولغان پۇلمۇ تەبىئىي ھالدا كۆپىيىۋاتىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا بازارلاردا تاۋار بولغان بىلەن ئۇنى سېتىۋالىدىغان پۇل قىسلىقى كېلىپ چىقىپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچراپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. شۇڭا يەر شارىدىكى چەكلىك ماددىي بايلىقلارغا نىسبەتەن پۇلنىڭ پاخاللىشىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. ئىز تورى www.iz.la

ھازىرقى دۇنيادا ئوبوروت قىلىنىۋاتقان قەغەز پۇل ئۈزلۈكسىز پاخاللىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بانكىغا ئامانەت قويۇش ئارقىلىق پۇلنىڭ قىممىتىنى ساقلىغىلى بولمايدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە قولىدىكى پۇلغا زور مىقداردىكى مۈلۈك سېتىۋېلىش نېسىپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار پاي چېكى سېتىۋېلىش ئارقىلىق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.

www.iz.la

تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى پۇقرالار پۇلى بولسىلا پاي چېكى ياكى باشقا قىممەتكە ئىگە ئاكسىيە سېتىۋېلىپ، قولىدىكى مۈلۈكنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇشنى ئويلايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىمۇ پاي چېكى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئامېرىكىدىن باشلانغان دۇنياۋى كىرىزىسمۇ دەل پۇل، پاي چېكى ۋە مۈلۈك ئوتتۇرىسىدىكى ھايانكەشلىك قىلمىشلىرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت جۇغلىنىپ، كۆپۈك پەيدا قىلىشى ھەم دۇنيا پۇل سىستېمىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ يۇقىرى چەككە يېتىشىدىن پەيدا بولغان. شۇڭا مۈلۈك كۆپۈكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا ئايلاندى.

www.iz.la

دۆلىتىمىزمۇ مۈلۈك كۆپۈكىنىڭ يېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 2010-يېلى 4 - ئايدىن باشلاپ ئۆي - زېمىن ھايانكەشلىكى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ بانكا كىرېدىت مەبلىغىگە ئېرىشىشىگە چەك قويدى. ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ تۇنجى قېتىم تاپشۇرىدىغان پۇل مىقدارى ۋە بانكا قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمىنى يوقىرىلاتتى، ئۈچىنچى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغانلارغا قەرز پۇل بەرمەسلىك تۈزۈمىنى يولغا قويدى. شەھەرلەرمۇ كىرىمى تۆۋەنلەرنى ئەرزان ئىجارىلىك كاپالەتلىك ئۆي بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى ئاشۇردى. نەتىجىدە ئۆي باھاسى مۇقىملاشتى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

پاي چېكى بازىرى ئۆي مۈلۈك بازىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، ئېنېرگىيە بازىرى، ئالتۇن بازىرى، كاپىتال بازىرى ، تاشقى پېرېۋوت بازىرى، قەرەللىك مال بازىرى ۋە باشقا ھەر خىل ماددىي ئەشيالار بازىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولغاچقا، بۇ بازارلاردىكى ئۆزگىرىشلەر پاي چېكى بازىرىدا ئەكس ئېتىدۇ. شۇڭا پاي چېكى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار پاي چېكى كۆرسەتكۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى ئىگىلەپ تۇرۇشى ھەم سېتىۋالغان پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇشى كېرەك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك كارخانىلار ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقى، ماركا ھوقۇقى قاتارلىق شەكىلسىز مۈلۈكتىن پايدىلىنىپ نەپكە ئېرىشىدۇ. شۇڭا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك كارخانىلارنىڭ پاي چېكى قىممىتى ئەسلىدىكىدىن نەچچە يۈز ھەسسە ئېشىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارغا زور پايدا بېرىدۇ.
ھەر قېتىملىق ئىقتىسادىي كىرىزىس ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا مۈلۈكنىڭ قايتا تەقسىملىنىش جەريانىدىن ئىبارەت. ئىقتىسادىي كىرىزىس يۈز بېرىپ بازارلار كاساتلاشقاندا، چوڭ شىركەتلەر ۋە بايلار ھەر خىل مۈلۈك ھوقۇقىنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىپ، باھاسى ئۆسكەندە سېتىپ، مۈلۈك قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. نۆۋەتتە زور مىقداردىكى مۈلۈكنى ئەرزان باھادا يىغىۋالغان شىركەتلەرنىڭ پاي چېكى كەلگۈسىدە مەبلەغ سالغۇچىلار ئويلاپمۇ يەتمىگەن پايدا يارىتىدۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئېنىقسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن، پاي چېكى بازىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك چاپ - چاپ بازارغا كىرىش ئالدىدىكى ئازابلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ . بۇ مەزگىلنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش تەس بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى ئىزدەۋاتىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايوننى ئېچىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنىڭ قىممىتىمۇ تېز ئېشىپ، مەبلەغ سالغۇچىلار زور نەپكە ئېرىشتى. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز ئېلىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ۋە بايلىق بازىسى، پىششىقلاش بازىسىغا ئايلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا مۇشۇنداق شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش پۇرسىتى كۆپ بولىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى


ئىز تورى www.iz.la

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس