دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا، 2–پەسىلدە ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم %8 تىن تۆۋەن بولغان. نېمە سەۋەبتىن ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %8 تىن تۆۋەنلەپ كەتتى؟ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %7.6كە چۈشۈپ قالغانلىقىغا قانداق قاراش كېرەك؟ ماكرولۇق سىياسەت ئارقىلىق يەنە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ www.iz.la
ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى نېمە ئۈچۈن %8تىن تۆۋەنلەپ كەتتى؟
ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇ يىل 2–پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى %8 تىن تۆۋەن بولدى.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېڭ لەييۈن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشى ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن، چۈنكى خەلقئارا ئىقتىسادىي ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى، تاشقى ئېھتىياج يېتەرلىك بولماسلىق زىددىيىتى گەۋدىلىك بولدى؛ دۆلەت ئىچىدە ئۆي – زېمىنى تەڭشەپ تىزگىنلەش داۋاملىق يولغا قويۇلدى، ئىچكى ئېھتىياج پەسەيدى، دېدى.
ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قەرز كىرىزىسى ياۋروپادا يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئېلىمىز ئىقتىسادىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئۇزاقتىن بۇيان تۈرتكە بولۇپ كەلگەن «باشلامچى» تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشمۇ پەسىيىپ قالدى.
ئىزچىل مۇقىم بولۇپ كەلگەن ئىستېمالدىمۇ يېڭى «يارقىن نۇقتىلار» ئازلاپ كەتتى.ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جۇڭگودا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى %14.4 ئاشقان بولسىمۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.4 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلەپ كەتتى.
مۇتەخەسسىسلەر: نۆۋەتتە ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى ئالدىنقى بىر مەزگىلدە «مال باھاسىنى تىزگىنلەش»نى مۇھىم نۇقتا قىلغان ماكرولۇق سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ مۇقەررەر ئىنكاسى، دېدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شۇچېڭ ماكرولۇق تەڭشەپ تىزگىنلەش سىياسىتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: مال باھاسى خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. ئىلگىرى مال باھاسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلغان نىسپىي قىسىش تەدبىرلىرى زۆرۈر ئىدى. خەلقئارادا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەردى، ئىچكى جەھەتتە بىرمەھەل داۋاملىق تۆۋەنلىدى. شۇڭا ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشى تەبىئىي ئەھۋال. www.iz.la
ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق تۆۋەنلەمدۇ؟
ئىقتىسادنىڭ %7.6 ئېشىشى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتتىمۇ؟ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاخىرىدا نۆل نۇقتىغا بېرىپ قالامدۇ؟
www.iz.la
شېڭ لەييۈن مۇنداق دېدى: ئەگەر %8 كە بەك باغلىنىپ قالماي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ئوبيېكتىپ قارىساق، ئېلىمىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلىدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا %7.8، 2–پەسىلدە %7.6 لىك ئېشىش نىسبىتى يىل بېشىدا بېكىتىلگەن %7.5 لىك كۆزلىمە نىشاندىن يۇقىرى بولۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ئايلىنىشى يەنىلا مۇۋاپىق. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى جۇڭگو باشقارمىسىنىڭ ئالىي ئىقتىساتشۇناسى جۇاڭ جيەن: %7.6 ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەن ھېسابلانمايدۇ. دۇنياغا نەزەر تاشلىساق، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %2كىمۇ يەتمەيدۇ، ئىقتىسادى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6 ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، دېدى. www.iz.la
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ماكرولۇق ئىقتىساد بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ لىچۈن: مۇقىم ئاشۇرۇش سىياسەت–تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمى روشەن كۆرۈلۈشكە باشلاپ، ئىقتىسادتا ئاساسى پۇختا بولغان مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. كېيىنكى يېرىم يىلدا ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا مۇقىم ئېشىش ئىچىدە سەل ئۆرلەش بولۇشى مۇمكىن، دېدى.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
«مۇقىم ئېشىش»نى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي سىياسەتتە «مۇقىم ئېشىش»قا ئەھمىيەت بېرىلدى، ئەمما بۇ قېتىم «مۇقىم ئېشىش»تا قانداق كۈچەش كېرەك؟ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى ياۋ جىڭيۈەن مۇنداق دېدى: «مۇقىم ئېشىش»نىڭ سالمىقى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بەك تېز تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكى؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇشىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنى ئېكسپورت ۋە ئۆي–زېمىن كەسپىگە ھەددىدىن ئارتۇق يۆلۈنۈۋېلىشتىن قۇتۇلدۇرۇش كېرەك. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت «مۇقىم ئېشىش» توغرىسىدا بىرقاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى. بولۇپمۇ يېقىنقى بىرنەچچە ئايدا ئۇدا ئىككى قېتىم ئۆسۈمنى تۆۋەنلەتتى. ئەگەر ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش بىلەن ئىش پۈتمىسە، ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىللە، يەنە ئۆسۈمنىڭ لەيلىمە ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىۋەتكەنلىكىگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. 12–بەش يىللىق يىرىك پىلاندىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇش بىلەن بىللە، يەنە ئەلئارا مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولىدىغان بىرقاتار يولغا قويۇش مىزانى ئېلان قىلىندى، «مۇقىم ئېشىش»نىڭ ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەش بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرۈشىمىز كېرەك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مۇتەخەسسىسلەر: ھازىر دەل ئېلىمىز ئىقتىسادىدا ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تارىخىي پۇرسىتى يېتىپ كەلدى، دەپ قارىدى.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ياۋ جىڭيۈەن: ئېلىمىز ئىقتىسادىدىكى ئاساسلىق مەسىلە سۈرئەت مەسىلىسى ئەمەس ، قۇرۇلما مەسىلىسى. يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، قۇرۇلما تەڭشەلسە، سۈپەت يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانسا، سۈرئەت مەسىلىسى چوڭ مەسىلە ھېسابلانمايدۇ، دېدى.
