

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: خوتەن ج خ ئورگانلىرىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈپ دەلىللىشىچە، ئالتە نەپەر ئايروپىلان بۇلاڭچىسى: مۇسا يۈسۈپ، ئابابەكرى ئىبراھىم، ئەرشىدىن قارى ئىمىن، مۇھەممەت ئەلى يۈسۈپ، ياسىن مۇھەممەت، ئۆمەر ئىمىن قاتارلىقلار . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
بۇ بىر قېتىملىق ئايروپىلان بۇلاشنى ۋاسىتە قىلغان ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ۋە يولۇچىلار خەۋپ-خەتەرگە قارىماي بىرلىكتە ئالتە قارانىيەتنى باش ئەگدۈرگەن. بۇ جەرياندا، تۆت يولۇچى يارىلانغان بولۇپ، ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە ئەمەس. خوتەن ئايرودۇرۇمىغا قونىدىغان ۋە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار نورمال خىزمەت قىلماقتا. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.
