ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتنىڭ بۇرۇننى ئاسراشقا پايدىسى بار. ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە بۇلغىنىش ئېغىر جايلاردىن ياكى بەك سوغۇق ياكى بەك ئىسسىق مۇھىتتىن يىراق تۇرىشى كېرەك. ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم بىر سائەتتىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ئىشلەش لازىم.
ئاپتاپتىن ساقلانغاندا تېرىنى ئاسرىغىلى بولىدۇ. ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئاپتاپتىن ساقلىنىش مېيى سۈرۈش. لەۋ سۇرۇخىنى تاللىغاندا پارقىرايدىغىنىنى تاللىماسلىق لازىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ تەركىبىدە زىيانلىق مېتاللار بار.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مېڭىپ بەرگەندە پاقالچاقنى ئاسرىغىلى بولىدۇ. 40 مىنۇت ئولتۇرغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىپ بېرىش، پاچاق قىسمىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپ بېرىش لازىم.
ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ ئېگىزلىكىنى كونترول قىلغاندا پۇتنى ئاسرىغىلى بولىدۇ. ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى سۇڭدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئۇنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.