كىرىم مەنبەسى
تەۋىسسيەلىك

دائىم گىرىم قىلىش كېلمارىتىيە دەۋرىنى ئىككى يىل ئالدىغا سۈرىدۇ

ۋاقتى:2012-11-12 10:05مەنبە: يوللىغۇچى:ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم

چىرايلىق گىرىم سىزنى دەماللىققا نەچچە ياش ياشارغاندەك كۆرسەتسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە قېرىشنى تېزلىتىدۇ . ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوپتا گېزىتى ››دە خەۋەر قىلىنىشىچە ، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى دائىم گىرىم قىلغاندا كېلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ ئىككى يىل بۇرۇن باشلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

ئىز تورى www.iz.la

ئامېرىكا ۋاشىنگىتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملار دائىم گىرىم قىلىدىغان 5700 ئايالنىڭ قان ۋە كىچىك تەرىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان . نەتىجىدە ، قان تەركىبىدە فتالويل ئامىنو كىسلاتالىق تۇز ماددىسى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ئاياللارنىڭ كېلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ 2 ~ 3 يىل بۇرۇن باشلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان. گىرىم بۇيۇملىرى ، چاچ قاتۇرغۇچ ، يېمەكلىك ئورالمىلىرىنىڭ تەركىبىدىكى بىرقىسىم خىمىيەلىك ماددىلار ئاياللارنىڭ كېلىماكتېرىيە دەۋرىنى ئىككى يىل ئالدىغا سۈرۈۋېتىدۇ، بەزىدە ھەتتا ھەيزنىڭ 15 يىل بۇرۇن توختىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ دۈشمەن سۇلياۋ بۇيۇم، گىرىم بۇيۇمى ۋە يېمەكلىك ئورالمىسى قاتارلىقلار تەركىبىدىكى فتالويل ئامىنو كىسلاتالىق تۇز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرى يەنە بۇ خىل خىمىيەلىك ماددىنىڭ راك، دىيابىت، سېمىزلىك كېسەللىرىنى تېزلىتىدىغانلىقى، ھەتتا ئوغۇل بالىلاردا قىزلىق خۇسۇسىيەتلەر ئارتىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

ئىز تورى بەك ياخشى

ئالىملارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە ، فتالويل ئامىنو كىسلاتالىق تۇز يەنە تۇخۇمداننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاياللار كۆپىيىش سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، كېلىماكتېرىيە دەۋرىنى تېزلىتىدىكەن. كېلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ بۇرۇن باشلىنىشى سەكتە، يۈرەك كېسىلى، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىرىنى پەيدا قىلىدىكەن ۋە مېڭىگە قان چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار ئۆزىنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىپ، گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىمكان بار ئازراق ئىشلىتىشى، يۇقىرىقى خىمىيەلىك ماددىلار بىلەن ئازراق ئۇچرىشىشى كېرەك. ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(4)
80%
ئالقىشلايمەن
(1)
20%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس