قۇرغۇيۇم ئۇچىتى قولۇمىدىن ،
قايدا مىېھماندۇر بۇگۈن .
دەخلى بەرمەڭلار ماڭا ،
كۆڭلۇم پەرىشاندۇر بۇگۈن ،
---
قۇرغۇيۇم ئۇچىتى قولۇمىدىن ،
پۇتىدا بر تال يىپى.
كەتتىغۇ جانىدىن ئۆتۈپ ،
سۆيمەي تۇرۇپ يارنىڭ گېپى .
---
قۇرغۇيۇم كەتتى ئۇچۇپ ،
ھېچيەردە يوقتۇر دېرىكى .
يار يېنىمىدا بولمىسا ،
يۇقتۇر بۇ جاننىڭ كېرەكى .
---
قورغۇيۇم كەتتى ئۇچۇپ ،
كەتمە ، دېسەم كەتمەس ئىدى .
تەلىيىم كاج بولمىسا،
مەنىدىن نىگار كەچمەس ئىدى .
---
ئاپتۇرى ؛ مۇھەممەتجان راشىدىن
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى