دۇنيادىن دوستلار يارسىز ئۆتمەڭلار،
لېكىن كۆڭۈلنى كۆپكە بەرمەڭلار.
بىرنى كۆرسە بىرىدىن تانغان،
يارى كۆپنى ۋىجدانسىز دەڭلار.
----
ئالەمدە سەن بىر دەپ داڭلايدۇ،
لىكىن كۆڭلى بىردە تۇرمايدۇ.
كىمنى كۆرسە شۇنداق ئالدايدۇ،
يارى كۆپنى ۋىجدانسىز دەڭلار.
----
گۈللەر كۆپتۇر تانمىسا دەيدۇ،
كۆڭلى مەندىن قالمىسا دەيدۇ.
ئالدىساممەن چانمىسا دەيدۇ،
يارى كۆپنى ۋىجدانسىز دەڭلار.
----
ئىنسان ئۈچۈن سۆيگۈ ئۇلۇغدۇر،
سۆيگۈ بىلەن كۆڭۈل يۇرۇقتۇر.
ۋىجدانسىزلار شۇنداق سۇيۇقتۇر،
يارى كۆپنى ۋىجدانسىز دەڭلار. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق