ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، برازىلىيە رىئودې ژانېيرو ئەتراپىدىكى نامراتلار رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق 12 ياشلىق قىزچاق ناتاشا 5000 دوللارغا 1.6 مېتىرلىق سۇمبۇل چېچىنى سېتىۋېتىپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە ‹‹چۈشتىكىدەك›› تۇرمۇش ئېلىپ كەلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ناتاشانىڭ تۇغۇلۇپ تۇنجى قېتىم چېچىنى كەستۈرۈشى ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ ھەر قېتىم چېچىنى يۇيۇشقا تۆت سائەت، ھەر كۈنى چېچىنى تاراشقا بىر يېرىم سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان بولۇپ، چېچىنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىشى ياكى چېچىغا قۇم كىرىپ كېتىشىدىن قورقۇپ دېڭىز ساھىلىدىمۇ ئوينىيالمايدىكەن. شۇنداقتىمۇ بۇ قىزچاق چېچىنى كەستۈرگەندە كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلىغان.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىراق، چېچىنى كېسىپ بولغاندا ناتاشا ناھايىتى خۇشال بولغان. ئۇ مۇخبىرغا: ‹‹چېچىمنى كەستۈرىۋېتىپ مەن ‹ئازاد›لىققا چىقتىم، ئەمدى دېڭىز ساھىلىغا بارساممۇ، خالىغان يەرگە بېرىپ ئوينىساممۇ بولىدۇ›› دېگەن. ناتاشانىڭ ئاپىسى بولسا:‹‹ئەمدى ھەر كۈنى ئۇنىڭ چېچىنى تاراشقا بىر مۇنچە ۋاقىت ئاجراتمايدىغان بولدۇم›› دېگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ناتاشانىڭ چېچى ئۇلارغا يېڭى تۇرمۇش ئېلىپ كەلگەن: چاچنى سېتىشتىن كىرگەن 5000 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۇلار بىر يېڭى ئۆي سېلىشنى، يەنە تېخى ناتاشاغىلا تەئەللۇق بولغان ‹‹مەلىكە ھۇجرىسى›› ياساپ بېرىشنى پىلانلىغان. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ناتاشا بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئىز تورى www.iz.la
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىز تورى www.iz.la
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!