ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
باي ناھىيەسدە «سايرام سەنىمى» تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر خەلق مەدەنىيەت مىراسى − «سايرام سەنىمى»نى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن پېشقەدەم مائارىپچى، خەلق سەنئەتكارى ھاپىز ھاكىمغا بارىكاللا ئېيتىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ زامانىۋى ناخشا-مۇزىكىنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، باي ناھىيەسىدە تارىختىن بۇيان ئەل ئارىسىدا نەغمىسى ئېيتىلىپ، ئۇسسۇلى ئوينىلىپ كەلگەن «سايرام سەنىمى» سەھنىدىن قېلىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئىدى. بۇ ھال كىچىكىدىن باي ناھىيەسنىڭ سايرام بازىرىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، سەككىز يېشىدا بوۋىسىغا ئەگىشىپ «سايرام سەنىمى»نى ئۆگەنگەن، 12- يېشىدا «سايرام سەنىمى»نى مۇكەممەل ئورۇندىيالايدىغان ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ غەيرىي رەسمىي سورۇنلاردا ئىزچىل «سايرام سەنىمى»نى ئورۇنداپ كەلگەن ھاپىز ھاكىمنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇردى. ھاپىز ھاكىم بۇ ئەلنەغمە سەنئىتىگە ۋارسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ساقلاپ قېلىش قارارىغا كېلىپ، 2000-يىلىدىن ئېتىبارەن «سايرام سەنىمى»نى رەتلەشكە كىرىشتى، بولۇپمۇ 2004-يىلى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، زېھنى ۋە ۋاقتىنى «سايرام سەنىمى»نى توپلاش، قېزىش ۋە رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە قارىتىپ، ئالتە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ 12 سەنەم، 84 دۈم پەدە ئۆزگىرىشى، 96 ئاھاڭ، 300 كوپلېتتىن ئارتۇق نەغمە تېكىستىدىن تەركىب تاپقان، تولۇق ئورۇنداش ئۈچۈن ئالتە سائەت ۋاقىت كېتىدىغان مۇكەممەل «سايرام سەنىمى»نى رەتلەپ پۈتكۈزدى. 2009-يىلى 7 - ئايدا «سايرام سەنىمى» ئەل ئارىسىدا قايتا ئورۇندىلىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئۇنىڭ ئەجىر مېۋىسى تەشكىلنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. باي ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن شۇ يىلى 65 ياشلىق ھاپىز ھاكىمنىڭ مەسئۇللۇقىدا 55 خەلق سەنئەتكارىدىن تەشكىللەنگەن «سايرام سەنىمى» سەنئەت ئەترىتى رەسمىي قۇرۇلدى. «سايرام سەنىمى» خەلق تۇرمۇشىدىن كەلگەن بولۇپ، خەلقنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋەقەلەر، مۇھەببەت ھېكايىلىرى، شاھزادە بىلەن مەلىكىنىڭ ھېكايىسى، باي-پومېشچىكلار بىلەن نامرات دېھقانلار ئوتتۇرىسىدىكى چۆچەكلەر ھەم ئەل ئىچىدە تارقالغان ماقال - تەمسىل، شېئىر - قوشاقلار تېكىست قىلىنىپ، داپ، راۋاب، تەمبۇر، دۇتار، قالۇن، غېجەك قاتارلىق چالغۇلار تەڭكەش قىلىنىپ، نەغمىسى ئورۇندىلىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر نەغمە رىتىمىگە ماسلىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. «سايرام سەنىمى» سەھنىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، قايتا جانلىنىش دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، تەسىرى كەڭ تارقالدى. يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، تەشەببۇس قىلىشى ۋە يېتەكچىلىكىدە «سايرام سەنىمى» مەشرىپى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن سىنغا ئېلىندى، شىنجاڭ ئۈن - سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن «سايرام سەنىمى» مەشرىپى ناملىق DVD پىلاستىنكىسى نەشر قىلىندى، ھاپىز ھاكىم نەشرگە تەييارلىغان «سايرام سەنىمى» ناملىق كىتاب شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.