
دۆلىتىمىزنىڭ «شەھەر ئۆي - زېمىنىنى باشقۇرۇش قانۇنى» شەھەر ئۆي - زېمىنىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۆي - زېمىن بازىرى تەرتىپىنى ساقلاش، ئۆي-زېمىن ھوقۇق ئىگىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ئۆي - زېمىن كەسپىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۆي-زېمىن ئىگىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بۇنىڭغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئۆي - زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىش − ئۆي - زېمىن ئىگىلىرىنىڭ ئۆي - زېمىنىنى باشقىلارغا سېتىشىنى، ھەدىيە قىلىشىنى ياكى باشقا قانۇنىي ئۇسۇللار بىلەن بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ. «شەھەر ئۆي - زېمىنىنى باشقۇرۇش قانۇنى»نىڭ 38-ماددىسىدا تۆۋەندىكى ئۆي - زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن:
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
(1) يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا بېرىش ئۇسۇلى بىلەن ئېرىشكەن، مۇشۇ قانۇننىڭ 39-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغانلار؛
(2) قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگان ۋە مەمۇرىي ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە كېسىم قىلىشى، قارار قىلىشى بىلەن ئۆي-زېمىنى پېچەتلەنگەن ياكى ئۆي-زېمىن ھوقۇقىغا باشقا ئۇسۇلدا چەك قويۇلغانلار؛
(3) يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنغانلار؛
(4) ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆي-زېمىندىن باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ يازما ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەنلىرى؛
(5) ھوقۇق تەۋەلىكى تالاش-تارتىشتا قالغانلار؛
(6) ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى قانۇن بويىچە رويخەتكە ئېلىنمىغانلار؛ ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئۆتۈنۈپ بېرىش مەنئى قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور