
ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 17-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەدىكى 76 ياشلىق بىر بوۋاي شەھەرنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىدىن قېچىپ، يىراق بىر تەنھا ئارالدا يالغۇز ياشاۋېتىپتۇ. ئۇ بۇ يەردە ئاپتاپ، يامغۇر، تەيفېڭ بورىنى ۋە پاشىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مۇخبىرغا بۇ يەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئاخىرقى ماكانى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بوۋاي 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدن باشلاپلا بۇ يەردە تۇرۇشنى باشلىغان. بۇ ئارال ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، بېلىقچىلارمۇ ئاسان كەلمەيدىكەن. تاتلىق سۇ، يېمەكلىك بولمىغانلىقتىن، بوۋايغا ھەر ھەپتىنىڭ مۇقىم كۈنىدە ئائىلىسىدىكلەر قۇتىلىق ئىچىملىك سۇ ۋە پرۇژنىلارنى ئەكىلىپ بېرىدىكەن.

بوۋاينىڭ بۇ يەردىمۇ قاتتىق ۋاقىت ئۆلچىمى بار ئىكەن، ئۇ ھەر كۈنى قۇياش كۆتۈرۈلۈشى بىلەن تەڭ دېڭىز ساھىلىدا دېڭىزدىن كۆتۈرۈلىۋاتقان قۇياشقا قارىغىنىچە، بەدەن چېنىقتۇرىدىكەن، باشقا ۋاقىتلاردا ئۇ يېمەكلىك پىشۇرۇش، ئۆيىنى تازىلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن. ئۇ:‹‹بۇ يەردە مېنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىگە بويسۇنۇشۇم زۆرۈر ئەمەس، مەن پەقەت تەبىئەتنىڭ قائىدىسىگە بويسۇنساملا بولىدۇ، سىز تەبىئەتنى مەغلۇپ قىلالمايسىز، بۇ مېنىڭ بۇ يەردە ئۆگەنگىنىم شۇنداقلا مېنىڭ بۇ يەردە ئامان-ئېسەن تۇرۇشۇمدىكى سەۋەب›› دېگەن. ئىز تورى www.iz.la