ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
مېڭ سەيشيۇ مېڭىپ ھەرىكەت قىلماقتا. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇزاقراق ئولتۇرۇپ قالسا پۇتى ئىششىپ كېتىدىكەن
لىبو ناھىيە يوڭكاڭ شۈيزۇ يېزىسىدىكى 12 ياشلىق قىز مېڭ سەيشيۇ بىر يېشىدىن باشلاپ غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئىككى قېتىم قورسىقى تەدرىجىي يوغىناپ كېتىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇنىڭ ھازىرقى تەن ئېغىرلىقى 50 كىلوگرامدىن ئاشىدىغان بولۇپ، قورسىقىلا 10 نەچچە كىلوگرام كېلىدىكەن، بۇ كىچىككىنە قىزچاق ئېغىر قورسىقىنى كۆتۈرۈپ تالا-تۈزگىمۇ چىقمايدىكەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
2001-يىلى مېڭ سەيشيۇ بىر ياش ۋاقتىدا، ئۇنىڭ دادىسى مېڭ گوفەن قىزىنىڭ ئاسانلا قىزىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا قورسىقىنىڭ بارا-بارا چوڭلاشقا باشلىغانلىقىنى بايقاپ، قىزىنى يېزىلىق، ناھىيەلىك دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ داۋالاتقان بولسىمۇ قىزىنىڭ ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلمىگەن، ئەكىسچە ئۇنىڭ قورسىقى كۈنسېرى يوغىناپ كەتكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
2009-يىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا، مېڭ سەيشيۇ جىگەر خالتىلىق ئىششىقى كېسەللىكى سەۋەبلىك ئوپىراتسىيە قىلدۇرغان. لېكىن، يېرىم يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ قورسىقى يەنە يوغىناشقا باشلاپ، نورمال يول مېڭىش، تاماق يېيىش، ئارام ئېلىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغۇدەك دەرىجىگە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىزچاق يۇرتداشلىرى يىغىش قىلىپ بەرگەن 50 مىڭ يۈەن ئوپىراتسىيە ھەققىنى ئېلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا بېيجىڭغا بېرىپ يەنە بىر قېتىم ئوپىراتسىيە قىلدۇرغان. ئىز تورى www.iz.la
كىشىنى چۆچۈتكىدەك يوغان قورسىقىدىن باشقا، مېڭ سەيشيۇنىڭ يەنە كىشى ھەيران قالغۇدەك ئورۇق ھەم ئاجىز بەدىنى بار
ئىز تورى www.iz.la
ئىز تورى بەك ياخشى
مېڭ سەيشيۇ بارا-بارا چوڭ بولماقتا، ئۇنىڭ قورسىقىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بارغانسېرى چوڭلىماقتا. گەرچە دوختۇرلار سەككىز يىلدىن بېرى ئۇنىڭ قورسىقىنى يېرىپ ئالتە جىڭ ئەتراپىدا سۇنى ئېلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قورسىقى چوڭلاشتىن يەنىلا توختىمىغان ئىز تورى بەك ياخشى
www.iz.la
تۇنجى قېتىملىق ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى تارتۇقلار ھازىرغىچە ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەھۋالى بارغانسېىرى ناچارلاپ كەتكەن www.iz.la
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش سەۋەبى بىلەن سىرتقا چىقىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مېڭ سەيشيۇ يەنىلا كارىۋاتتا يېتىپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. سۈرەتتە: مېڭ سەيشيۇ بېلىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقاچقا ئاپىسى ئۇنىڭ بەدەنلىرىنى تۇتۇپ قويماقتا www.iz.la