تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىختىيارىي مۇھىت ئاسراش ھەرىكىتى ‹‹ يەر شارىدىكى بىر سائەت››31-مارت كەچتە باشلاندى. جۇڭگو ھەمدە يەر شارىدىكى باشقا 146 دۆلەت ۋە رايوندىكى 5000 شەھەر چىراغنى ئۆچۈرۈپ، پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، يەر شارىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشتىكى ئورتاق ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشتى.
بۇ يىللىق ‹‹ يەر شارىدىكى بىر سائەت›› پائالىيىتىگە قاتنىشىشتا، ئېلىمىز قاتناشقان شەھەرلەر كۆپ بولۇشتەك يېڭى رېكورتنى ياراتتى، ئېلىمىزدىكى جەمئىي 124 شەھەر بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراشتىكى ۋەدىسىنى ئاشكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەملىكىتىمىزدىكى 1400 دىن ئارتۇق كارخانىمۇ ‹‹ يەر شارىدىكى بىر سائەت›› پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!