ئاۋستىرالىيە «كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى» نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، سىرى لانكىلىك بىر ئەر كۆمۈلۈپ يېتىشنىڭ دۇنيا رېكورتىنى ياراتماقچى بولۇپ مۇۋەپپىقىيەت قازىنالماي ھاياتىدىن ئايرىلغان.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، 24 ياشلىق جاناكا باسناياكې ئاغىنىلىرى ۋە ئۆيدىكىلىرىنىڭ ياردىمىدە سىرى لانكىنىڭ پايتەختى كولومبونىڭ شىمالىدىن 220 كىلومېتىر كېلىدىغان كانتارا بازىرىدىكى بىر لەخمىدە يېتىپ، دۇنيا رېكورتىنى ياراتماقچى بولغان. شۇ يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ لەخمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئۈچ مېتىر كېلىدىكەن.
جاناكا باسناياكى لەخمىگە چۈشكەندىن كېيىن، ئۈستى توپا بىلەن كۆمۈۋېتىلگەن. ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، ئالتە سائەتتىن كېيىن ئۇنى لەخمىدىن ئېلىپ چىققاندا، ھوشىدىن كەتكەن بولۇپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان.