تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ تەختكە ئولتۇرغانلىقىغا 60 يىل بولغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان دۆلەت ئىچىدىكى سەييارە زىيارىتى 8-مارت لېيسېستىر شەھىرىدىن باشلاندى، شاھزادە ۋىللىيامنىڭ ئايالى كېيت ھەمراھ بولدى. ئايال پادىشاھ ئولتۇرغان پويىز لېيسېستىر شەھىرى ۋوگزالىغا كىرىشى بىلەنلا ئامما ئەنگلىيە بايرىقىنى لەپىلدىتىپ ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇلار ئالدى بىلەن شەھەر مەيدانىدا سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى، ئاندىن دىمونفورت ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، ئېكىسكۇرسىيە قىلدى. ئايال پادىشاھ بىلەن كېيت ئوقۇغۇچىلارنىڭ مودىل مۇسابىقىسىنى كۆردى. بۇ ئىككەيلەننىڭ سەييارە زىيارىتى 4 ئاي داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 7-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى